ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەبلەغ سالغان پۈتۈن قۇرۇلۇشلارنى توختىتىشى دىققەت قوزغىدى
2018.04.04

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك دائىرىلەر مەبلەغ سالغان بارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىشىغا مەجبۇر قىلدى. ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى توختىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى كونترول قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋالغا بېرىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ 2017-يىلى 1-ئايدىن باشلانغان ھەر بىر قۇرۇلۇش تۈرىنى «ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈشى»، خۇسۇسەن 2017-يىلى 7-ئايدىن باشلانغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى پۈتتۈرۈشكە يېتەرلىك مەبلىغى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغان.
يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بانكىلارغا قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشى، خىتاي پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا بېسىم پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى توختىتىپ، خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى كونترول قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئەڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان رايوندۇر. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشىغا ئۆي-مۈلۈك سودىسى سەۋەب بولغان.
ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن خانىم مۇنداق دەيدۇ: «يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى ئۇل-ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئامىللار پەيدا قىلدى. بۇ، خىتاي پۇل-مۇئامىلىسىدىكى قەرەللىك بومبا. بۇنى چوقۇم ھەل قىلمىسا، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدا مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە قەرز مەسىلىسى خىتاي پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى. ئۇنىڭدىن باشقا سەرمايىنىڭ چەتئەلگە ئېقىشى، چەتئەل پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئازىيىشى قاتارلىق مەسىلىلەر بار. خىتايدا بانكىلارنىڭ ماغزاپ قەرز پۇلى بەك كۆپ. بۇنى ئۆي-مۈلۈك سودىسى شەكىللەندۈرگەن. خىتايدا نۇرغۇن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قەرز ئېلىپ ئۆي-مۈلۈك سودىسى قىلىدۇ. لېكىن، ئاخىرىدا بۇ پۇلنى قايتۇرالماي بانكىغا قەرز بولۇپ قالىدۇ. بۇ پۇل بانكىنىڭ ھېسابىدا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تۆلىيەلمەيدۇ. شۇڭا، بۇ بەك ئېغىر مەسىلە.»
ئۇيغۇر رايونى خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى. خىتاينىڭ رەسىمى سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى 20% ئارتىپ، بىر تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يېتىپ بارغان بولۇپ، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن 7% ئېشىپ كەتكەن. خې چىڭليەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى بەزى يەرلىك ئامىللار پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «شىنجاڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى بەزى يەرلىك ئامىللار پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، شىنجاڭ غەربىي شىمالدىكى 5 ئۆلكە ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونى بولۇپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە سېلىنمىسى نىسبەتەن ئاز رايون. مەسىلەن، شىزاڭنىڭ مالىيە سېلىنمىسىنىڭ 95 % ئى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە تايىنىدۇ. لېكىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شىزاڭ، چىڭخەي، گەنسۇلارغا قارىغاندا ياخشى. شۇڭا، شىنجاڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى قانداق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ماڭا نامەلۇم. بۇنى مۇقىملىق سېلىنمىسى كەلتۈرۈپ چىقاردىمۇ دېسەك، ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. چۈنكى، شى جىنپىڭ مۇقىملىق سېلىنمىسىنى مەركەز ئۈستىگە ئېلىشنى يولغا قويدى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ چىقىرىدىغان پۇلى كۆپ ئەمەس. بەلكى يەرلىك ھۆكۈمەت مۇقىملىق سېلىنمىسىنىڭ يۈزدە 10 نەچچە پىرسەنتىنى چىقىرىدىغۇ دەيمەن. شۇڭا، بۇ ئۇنىڭ سەۋەب بولماسلىقى كېرەك».
خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنى 92% كۆپەيتىپ، 10 مىليارد دوللاردىن ئاشۇرۇۋەتكەن. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر رايونى بىخەتەرلىك سېلىنمىسى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ رايونغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس، ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىسادى پەنلەر ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئىلنۇر خانىم ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى بۇ رايوندىكى سىياسىي ھاكىممۇتلەقلىق پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىدەك بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلەردە بانكىلار شەخس، شىركەت ياكى ھۆكۈمەتلەرگە بەرگەن قەرزىنى قايتۇرۇۋالالايدىغان كۈچلۈك سىستېما بار. لېكىن، خىتايدا بۇ سىستېمىنى ھۆكۈمەت كونترول قىلىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەتلەر قورقمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ھۆكۈمەت بىزنى قۇتقۇزىدۇ، دەپ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يوقالمايدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشىنىپ تۇرۇپ، قورقماي قەرزىنى ئېلىۋېرىدۇ، مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىم، دەپ. لېكىن، ھازىرقى شارائىتتا شىنجاڭ ھۆكۈمىتى قاتتىق ياردەمگە ئېھتىياجلىق. ئىقتىسادىي نۇقتىئىنەزەردىن ئالغاندا، ياردەم قىلمايدىغان بولسا ھالاك بولىدۇ. لېكىن خىتايدا سىياسەت ئىقتىسادتىن ئۈستۈن تۇرغاچقا بۇنداق بولمايدۇ. دېمەك، بۇ يەردىكى سىياسىي ھاكىممۇتلەقلىق سەۋەبىدىن بۇ ھالغا كېلىپ قالدى. ئەگەر ئىقتىساد مۇتلەق سەۋەب بولغان بولسا ئۇلار بۇنداق قىلالمايتتى. دېمەك، ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن دېگەندە بۇنى سىياسىي ھاكىممۇتلەقلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان».
ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇش تۈرلىرى بولسۇن، مەيلى شەخسلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇش تۈرلىرى بولسۇن، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنى پۈتتۈرۈشكە يېتەرلىك مەبلىغى بولمىغان ياكى قوشۇمچە مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان بولغان بارلىق قۇرۇلۇشلار بىردەك بىكار قىلىنىدىكەن. مەزكۇر كومىتېت باياناتىدا، «بىز ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىشىنى تاللىساق تاللايمىزكى، قەرزنىڭ يىغىلىپ كېتىشىنى تاللىمايمىز» دېگەن.
لېكىن، دوكتور ئىلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ توختىشى رايوننىڭ ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. ئۇ، بۇنىڭ يەرلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى، لېكىن بىڭتۇەنگە بەزى پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلنۇر خانىم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تۈرلەرنىڭ توختىشى شىنجاڭنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىگە بەك چوڭ تەسىرى بولىدۇ. بەل چوڭ سەلبىي تەسىرى بولىدۇ. لېكىن بىڭتۇەنگە ئازراق سەلبىي تەسىرى بولىدۇ. ئېھتىمال بىڭتۇەنگە پايدىلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. پايدىلىق بولىدۇ، دېگىنىم، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە بەك قاتتىق تەسىر قىلىپ كەتكەچكە بۇ بىڭتۇەننىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈپ قويىدۇ. ھەر ئىككىسىگە تەڭ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن تەسىرى يەرلىك ھۆكۈمەتكە بەكرەك بولىدۇ. بىڭتۇەن ياخشىراق بولۇپ قالىدۇ. يەنى، بىڭتۇەندىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ياخشىراق، يەرلىكنىڭ ئەھۋالى يامانراق بولۇپ قالىدۇ. ئىشسىزلار يەرلىكلەردە كۆپىيىپ كېتىدۇ. بىڭتۇەننىڭ زىيان تارتىشى ئازراق، يەرلىكنىڭ زىيان تارتىشى جىقراق بولىدۇ».
خىتاي ھۆكۈمىتى 2000-يىللاردىن كېيىن، بولۇپمۇ 2009-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۆي-مۈلۈك تەرەققىياتىغا غايەت زور مەبلەغ سېلىپ، نۇرغۇن شەھەرچىلەرنى، ئۇل -ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان. ئۈرۈمچى بىر مەزگىل خىتايدىكى ئۆي-مۈلك باھاسى ئەڭ تېز ئۆرلىگەن شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر زور كۆلەملىك بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ رايوندا خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇقنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىنىڭ كۆپىيىشى ۋە باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى توختىتىشنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، رايوندىكى يول ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئاز دېگەندە 107 خىل قۇرۇلۇش تۈرى توختىغان.