دائىرىلەر ئۇيغۇرلار ئولتۇراق رايونىدىكى ئوت ئاپىتىگە جىددىي مۇئامىلە قىلمىغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2013.04.15
xoten-ot-aile-saymanliri-bazirigha-2.JPG خوتەن شەھىرى شىمالىي بېكەت يېنىدىكى بىر ئائىلە سايمانلىرى بازىرى ۋە ئەتراپتىكى ئالتە قەۋەتلىك بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ كۆيۈۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 12-ئاپرېل.
RFA/Ruqiye

خىتاي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى خوتەن شەھىرى ئۇيغۇرلار ئولتۇراق رايونىدا كۆرۈلگەن ئوت ئاپىتىنى ۋاقتىدا تىزگىنلىمىگەن ياكى ئاپەتكە جىددىي مۇئامىلە قىلمىغان. نەتىجىدە 42 ئۇيغۇرنىڭ ئۆي-بىساتى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكەن.

ئوت ئاپىتى مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى خوتەن شەھەردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئاساس قىلغان «گۈللۈك» ئولتۇراق رايونى ۋە ئۆي جاھازلىرى بازىرىدا كۆرۈلگەن.

ۋەقە گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، سۇ چاچماي قاراپ تۇرغان. ئوت 5 سائەت داۋام قىلغان.

خىتاي ئۆت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قوماندانلىق شتابىنى بۇنى رەت قىلدى. ھازىر مەزكۇر ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھەر خىل گۇمانلار مەۋجۇت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.