ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.02.05
ghulja-weqesi-2019-namayish.jpg 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 22 يىللىق خاتىرە كۈنىدە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 5-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەر يىلى قايغۇ ئىچىدە خاتىرىلىنىدىغان بىرنەچچە خاتىرە كۈن بار. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجا ياشلىرىنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىش مەزمۇنىدىكى نارازىلىق نامايىشىنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشىغا بېغىشلانغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ كۈنى نارازىلىق نامايىشى ۋە باشقا شەكىللەردىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى تەشكىللەپ، شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئەزىز جانلىرىدىن ئايرىلغان ئوت يۈرەك يىگىت-قىزلارنى، شۇنىڭدەك ئوخشاش بولمىغان قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىگۇناھ ئەزىمەتلەرنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ئوخشاش ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىمۇ بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان بۈگۈنكى نامايىش مەيدانىغا يېتىپ كەلگىنىمىزدە نامايىشنىڭ تەييارلىقلىرى جىددىي ئىشلىنىۋاتقان ئىكەن. بىز ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن بىلەن بۈگۈنكى نامايىش توغرىلىق سۆزلەشكىنىمىزدە گەپ تەبىئىي ھالدا بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ خىتايدىكى چاغان بايرىمىغا توغرا كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدە بولدى. شۇ قاتاردا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ چاغان بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن ئىشلىمەيدىغانلىقى، شۇڭا بىر قىسىم كىشىلەردە بۇ ھەقتە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە گەپ تېشىلگەندە ئىلشات ھەسەن «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشتا ھازىرغىچە ھېچقاچان دەم ئېلىپ باقمىغان» دېدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە نامايىش باشلانغاندا ئالدى بىلەن ئىلشات ھەسەن سۆز ئېلىپ بۈگۈنكى نامايىشنىڭ دائىمقىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتىن باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

دۆلەت شېئىرىدىن كېيىن ئىلشات ھەسەن بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن بالدۇر ئويغانغان بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ كېيىنكىلەرنى قانداق ئويغاتقانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئىلشات ھەسەن ئۆز نۇتقىدىن كېيىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يولباشچىسى بولۇپ كەلگەن رابىيە قادىر خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىگە قارىماستىن ئۇزۇن يول بېسىپ نامايىش مەيدانىغا كەلگەن رابىيە قادىر خانىم ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىسسىق جانلىرىدىن ئايرىلغان شېھىتلارنى ئۇنتۇماسلىق كېرەكلىكىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن نامايىش مەيدانىغا توپلانغان ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك تەلەپ قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش مەزمۇنىدىكى شوئار سادالىرى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئاسمىنىنى لەرزىگە كەلتۈردى.

نامايىش ئارىلىقىدا رابىيە قادىر خانىم ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر كرىزىسقا مۇپتىلا بولۇۋاتقاندا بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردىكى قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇشنى باش نىشان قىلغان ھالدا قولمۇ-قول ھەمكارلىشىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«5-فېۋرال غۇلجا پاجىئەسى» نىڭ 22 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىمۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەشتە نامايىشتىنمۇ ياخشىراق ۋاسىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۈگۈنكىدەك نامايىشلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، «5-فېۋرال پاجىئەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەڭلا دېگۈدەك خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى تەشكىللىگەن. ئەنە شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارنى قوللاش يۈزىسىدىن نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ۋە يەھۇدىيلار جامائىتى شۇ جايدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش مەزمۇنىدىكى نامايىشقا ئىشتىراك قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.