«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىق خاتىرە كۈنلىرى يېقىنلىشىۋاتقان ئۇشبۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىدە ئېغىر يارىلارنى قالدۇرغان بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلەر قايتا ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
بەزى شاھىتلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق شۇ قاباھەتلىك كۈندە ئۈرۈمچىدە نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەت ۋە سىن ماتېرىياللىرىنى ئېلان قىلماقتا. يېقىندا فېيسبوكتا «مۈرەمدە ھەپتە تۇرغان ئوق» ناملىق بىر ئەسلىمە ئوتتۇرىغا چىقتى.
بۇ ئەسلىمىنىڭ ئاپتورى ئىزچى ئەپەندى بۇنىڭدىن 9 يىل ئىلگىرى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ھەتتا شۇ كۈنى مۈرىسىگە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاتقان ئوقى تېگىپ يارىلانغان شاھىتلارنىڭ بىرى.
2016-يىلى تۈركىيەگە چىقىپ پاناھلىنىۋاتقان بۇ ھايات شاھىت بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2009-يىلى -5ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى سۈرەتلەپ بەردى.
مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00