سەنئەتكارلار: «ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ قىسمىتى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ كەلگۈسىدىن بېشارەت!» (2)
2017.11.06

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا ئۇيغۇر مۇزىكانت ئابدۇرېھىم ھېيتنى نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، خەلقنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا زوق ئاتا قىلىپ كەلگەن «دۇتار شاھى» نىڭ ئاۋازى ۋاقىتلىق ئۆچكەنلىكى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلدىن ئىنچىكە بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە ھېچكىمنىڭ بۇ ھەقتە خىتاي دائىرىلىرىدىن بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. ئەمما بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر غەرب دۇنياسىدا تېزلا ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئەنگلىيەدىكى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر مۇقامى ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور راچېل خاررىس بىلەن «لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ مەسئۇلى ئېزىز ئەيسا ئەلكۈن بىرلىكتە ماقالە يېزىپ، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.
بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا دوكتور راچېل خاررىس ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بەكمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇرېھىم ھېيت بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكىسى توغرىلىق سۆھبەتتە بولغان ۋاقىتلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:
«مەن ئابدۇرېھىم ھېيت بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ئۇزۇن ۋاقىتلار ئىلگىرىكى ئىش. ئېسىمدە قېلىشىچە بىز 1996-يىلى ئۈرۈمچىدە كۆرۈشكەن. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردىلا راۋۇرۇس داڭ چىقارغان مۇزىكانت ئىكەن. شۇ چاغدا مەن ئۇنى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭدىن مۇزىكا ھەققىدە بەزى نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن ئىدىم. شۇڭا مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭ مۇزىكا ماھارىتىدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىلا خەۋەردار ئىدىم، دېيەلەيمەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئۇچرىشىشقا پۇرسەت بولمىدى. ئەمما مەن ئىزچىل ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە ھەمدە ئۇنىڭغا ئائىت خەۋەرلەرگە قاراپ كېلىۋاتاتتىم. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنىمۇ ئاڭلاپ كېلىۋاتاتتىم. گەرچە بۇ نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى ۋەقە بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ ماڭا بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. ئۇ ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئۇرغۇپ تۇرغان شۇنداقلا بەكمۇ ئېسىل سەنئەتكار ئىدى. مەن ئۆزۈممۇ دۇتار چالىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ دۇتار چېلىش ماھارىتىگە بەكلا ھەۋىسىم كەلگەن ئىدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغان بىر نۇقتا شۇكى، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاش كىشىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخىنى يەنە بىر نۇقتىغا يەتكۈزۈۋاتقان بىر ئاۋازنىڭ سېيماسىنى ئەسلىتەتتى.»
ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ بىرى ئېزىز ئەيسا ئەلكۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ناخشىلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنى جەڭگىۋارلىققا ئۈندەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ سەھنىگە كىيىپ چىققان سەنئەت كىيىملىرىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن ئىنكاسى بولۇپ كەلگەن، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇشۇنداق بىر سەنئەتكارنىڭ قولغا ئېلىنىشىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى قورقۇتۇشنى بىر مۇھىم مەقسەت قىلغان ئىكەن.
ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكار رەھىمە مەھمۇتمۇ ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ناخشىلىرىنى سۆيۈپ ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ناخشىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، تۈركىيەدىمۇ زور شۆھرەت قازانغانلىقىنى ئىپتىخارلىق ئىچىدە ئەسلەيدۇ.
راچېل خارىسنىڭ پىكرىچە، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ بىر مىسالى. بىز ئۇنىڭدىن ئىشلار مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلىۋەرسە بۇنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىشى مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى:
«كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئوخشاش مەنمۇ بۇ خىلدىكى ئۇچىغا چىققان سىياسىي ھەرىكەتلەرنى ئۇزۇن داۋام قىلمىسىكەن، دەپ ئارزۇ قىلىمەن. مېنىڭچىمۇ ھازىرقى ھالەتتىكى كونتروللۇق ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئۇزۇن داۋام قىلالماسلىقى مۇمكىن. سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بار، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاتالمىش ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دىن ئامان قالغان، شۇنداقلا 1980-يىللاردا ئۇنىڭ قايتىدىن گۈللىنىش دەۋرى ۋۇجۇدقا چىققان. شۇڭا ھازىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەققىدە بىرەر كۆڭۈلسىز تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويغۇم يوق. چۈنكى شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، ئىشلار ھامان ئۆزگىرىدۇ. ئەمما بۇ ھال نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا بىر ئېغىر سىياسىي سايە تاشلاپ تۇرۇۋاتقان بىر ھادىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ مەسىلىلەرنى دۇنيانىڭ دىققىتىگە سۇنۇشىمىز لازىم، دەپ ئويلاۋاتىمەن. چۈنكى نۆۋەتتە غەرب دۇنياسىدا بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە بەكمۇ ئاز گەپ بولماقتا.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھازىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىلا ساھەسىگە چېتىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ سەلبىي ئاقىۋىتى ھەققىدە ھەر خىل تەسەۋۋۇرلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.