ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ جىيەنى: «ئاكام ۋەتەنگە قايتىپ كەلگىنىگە ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلغان ئەمەس!»

0:00 / 0:00

«گۈلەن» تەخەللۇسىدىكى يازمىلىرى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى نائېنىق قىسمىتى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى تەشۋىشكە سالماقتا.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2013-يىلى 20-ئاۋغۇستتا قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىگەن، ھەتتا ئۇنىڭ نەگە قامالغانلىقى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

يېقىندا ئۇنىڭ سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن قاچان، قەيەردە سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. بىز ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى شۇنداقلا ئۇنىڭ قانداق ئەھۋالدا قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان جىيەن ئۇكىسى مىرشات بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

مۇخبىر: تېچلىقمۇ، ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟
مىرشات: خۇداغا شۈكرى، ياخشى.

مۇخبىر: مەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەققىدە ئەھۋال سورىماقچى ئىدىم،
مىرشات: سىز….!؟

مۇخبىر: مەن مۇخبىر، رادىئو مۇخبىرى. سىز بىلەن سۆزلەشسەم سىزگە مۇۋاپىقمۇ؟
مىرشات: بولىدۇ، مەن بىلگىنىمچە دەپ بېرەي.

مۇخبىر: سىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن قانداق تۇغقان بولىسىز؟
مىرشات: مېنىڭ تاغام بولىدۇ.

مۇخبىر: سىزگىمۇ مەلۇم، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئانا تىل مەكتىپى ئېچىش يولىدا نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئەپسۇس، ئويلىمىغان يەردىن قولغا ئېلىنىپتۇ. ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبىنى نېمە دەپ چۈشەندۈردى؟
مىرشات: ئۇلار بىزگە پەقەت «قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان» دېگەن گەپنىلا قىلدى.

مۇخبىر: ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنى قولغا ئېلىنىشى قەشقەرنىڭ يەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن بولغانمۇ ياكى «يۇقىرى» دىن چۈشكەن بۇيرۇقتىنمۇ؟
مىرشات: ئاكاملار ئاچقان ئانا تىل شىركىتى باشقۇرۇلۇش جەھەتتىن ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىغا تەۋە ئىكەن. بىلىشىمچە، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ئادەم كېلىپ ئاكامنى ئېلىپ كەتتى…

مۇخبىر: ھازىر ئۇنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە باشقا ئىز-دېرىكىنى ئالالىدىڭلارمۇ؟
مىرشات: ياق، ياق، سوت ئېچىلىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغۇچە ھېچقانداق ئۇچۇرىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. كۆپ سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق.

مۇخبىر: ئابدۇۋەلى تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسى، ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم كېلىدىغان ئىشلار بولدىمۇ؟
مىرشات: ياق، مەن تازا بىلمەيمەن، ئەمما ئۆيدىكىلەر كۆپ ئەنسىرىدى…

مۇخبىر: ئابدۇۋەلىنىڭ ئائىلىسى ھازىر قەيەردە تۇرۇۋاتىدۇ؟
مىرشات: قەشقەردە.

مۇخبىر: ئۇلارغا كىم قاراۋاتىدۇ؟
مىرشات: چوڭ تاغام، يەنى ئابدۇۋەلى ئاكامنىڭ چوڭ ئاكىسى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: ئابدۇۋەلىنىڭ دېلوسى توغرىلىق قاچان، قەيەردە سوت ئېچىلىدىغانلىقى ئېنىق بولدىمۇ؟
مىرشات: ياق تېخى. توردا 1-ئايدا ئېچىلىدىكەن دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىدۇق، ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپتىن بىزگە ھازىرغىچە ئېنىق گەپ قىلمىدى.

مۇخبىر: ئابدۇۋەلى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە قانداق ئىنكاس بولدى؟
مىرشات: ئاكامنىڭ (تاغامنىڭ) يازمىلىرىنى كۆپ ئوقۇغان، ئۇنىڭ ئانا تىل مائارىپى ھەققىدىكى پائالىيەتلىرىدىن خەۋىرى بار نۇرغۇن كىشىلەر بىزدىن ئەھۋال سۈرۈشتۈردى ھەمدە بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بەزىلەر ھەتتا ئادۋوكات تۇتۇپ، ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارساق دېگۈچىلەرمۇ بولدى. ھۆكۈمەت تەرەپ قاچان سوت ئاچىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەچكە بىزمۇ، باشقا كىشىلەرمۇ ئامالسىز قالدۇق.

مۇخبىر: ئابدۇۋەلىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ بۇ ئىش ئۇلارغا خېلى تەسىر قىلغاندۇ-ھە!؟
مىرشات: چوڭ دادام تۈگەپ كەتكەن. چوڭ ئاپام ھايات، 70 ياشتىن ئاشتى. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن چوڭ ئاپام ئۈزۈلۈپلا قالدى…

مۇخبىر: سىزنىڭ بىلىشىڭىزچە، ئابدۇۋەلى ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلدىمۇ؟
مىرشات: ياق، ياق!

مۇخبىر: ئۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن مەمنۇن ئىدىمۇ؟
مىرشات: شۇنداق، ئۇ دائىم: «گەرچە بەك چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بولساممۇ، لېكىن بۇ يولدا داۋاملىق تىرىشسام، چوقۇم نەتىجە يارىتىمەن!» دەيتتى.

مۇخبىر: توردىكى ئۇچۇرلار بويىچە ناۋادا يېقىن كەلگۈسىدە، يەنى 1-ئايدا ئابدۇۋەلىگە سوت ئېچىلىپ قالسا، سىزچە ئۇنىڭ قۇتۇلۇپ چىقىشىدىن زادى قانچىلىك ئۈمىد بار؟
مىرشات: بۇنىڭغا مەنمۇ بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. پەقەتلا ئىشلارنىڭ ياخشى بولۇپ، ئاكامنىڭ پاتراق قۇتۇلۇپ چىقىشىنى ئاللاھدىن تىلەيمەن!

مۇخبىر: رەھمەت!
مىرشات: سىزگىمۇ رەھمەت!