ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك خاتىرىسى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.07.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
chris-smith.jpg جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 12-ئىيۇل.
chrissmith.house.gov

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق شۆبە كومىتېتىنىڭ 12‏-ئىيۇل چاقىرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئەلچىسى سۇزان كوپېيج بىلەن «بىرلەشمە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى دەيۋىد ئابراموۋىتىز گۇۋاھلىق بەردى.

مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 2016‏-يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتىنى تېما قىلغان. دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئىپادىسىگە قاراپ 3 دەرىجىگە ئايرىلغان.

ئۆزبېكىستان، بىرما قاتارلىق ئەللەر ئىپادىسى ئەڭ ناچار 3-دەرىجىلىك دۆلەتلەر، خىتاي ئىپادىسى ناچار 2‏-دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى «قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە ئارىلىشىپ قالمىسۇن» دېگەن سەۋەب بىلەن مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان ئىدى.

جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئۆزبېكىستان، بىرما قاتارلىق ئەللەر قاتارىدا 3‏-دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، خىتايدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تەن جازاسى، كىشىلەرنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئازايمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كرىستوفېر سىمىت مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلاپ 2 يىلدىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىش، بۇ يەردىكى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش ئارتقان. بىزنىڭ مەن رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خىتاي ئىشلار كومىتېتىمىز تېخى يېقىندىلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ بىزنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە 16‏-قېتىم گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشىمىز.
بىز بۇ يىغىندا تەن جازاسىنىڭ خىتايدا سىستېمىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس توختالدۇق. قىسقىسى، خىتايدا تەن جازاسى، كىشىلەرنى كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش ئازايمىدى، بەلكى كۆپىيىپ ماڭدى. خىتاي ئامېرىكىنى ئالدىدى. ئۇ 2014-يىلى ئالدىغان، بىراق بىز ئۇنىڭ ئورنىنى 2015، 2016‏-يىلى داۋاملىق ئۆزگەرتمىدۇق. مەن بۇنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2016‏-يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى لاگېرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە ئۆزگەرتىپ، بۇ ئورۇنلاردىكى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر رايونىدا، ئۇيغۇر ئەركەك-ئاياللارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھاشارغا تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىغا سالغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ «قانۇنسىز ھەرىكەتلەر» گە ئارىلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا «بىرلەشمە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى دەيۋىد ئابراموۋىتىز، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتىدا مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى «بۇنىڭ جىددىي بىر خىرىس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندەك قىلىدۇ» دېدى.

دەيۋىد ئابراموۋىتىز: «بۇ يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتىدا (خىتاينىڭ) غەيرىي نورمال كارخانىلىرىدىكى بۇ خىل مەجبۇرى ئەمگەككە خاتىمە بېرىشنى 1‏-تەكلىپ قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشى، بۇ ماڭا، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى) خىتاينىڭ( ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بۇ ئورۇنلاردا كىشىلەرنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشتەك بۇ خىرىسنىڭ دەرھال خاتىمە بېرىلىشكە تېگىشلىك جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندەك تەسىرات بەردى» دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن دەيۋىد ئابراموۋىتىزنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنى مەجبۇرى ئەمگەككە سالىدىغان ھەرقانداق دۆلەت ئاپتوماتىك ھالدا ئامېرىكىنىڭ 3‏-دەرىجىلىك كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.

دەيۋىد ئابراموۋىتىز مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى مەجبۇرى ئەمگەككە ۋاسىتىچىلىك قىلسا، ئۇ دۆلەت ئاپتوماتىك ھالدا 3-دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. بىزنىڭ كىشىلەرنى كارخانىلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىپ، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش سىياسىتىمىز تۇرۇپ، قانداقسىگە بىز بۇنىڭغا يول قويالايمىز. لېكىن بىز ھازىر بۇنى 16 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايغا قارشى ئىشلىتىۋاتىمىز. نېمىشقا؟ چۈنكى بۇ مەھبۇسلار ئەمگىكىگە كىرىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئىجابىي بىر سىگنال، ئەمما بىز بۇنى باشقا مەجبۇرى ئەمگەك ساھەلىرىگە كېڭەيتىشىمىز كېرەك.»

سۇزان كوپېيج ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل باش ئەلچىسى. ئۇ يىغىندىكى گۇۋاھلىق سۆزىدە، خىتاينىڭ 2‏-دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئاقلاپ، خىتاينى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ئاكتىپ تەدبىرلەر ئېلىشقا چاقىردى.

سۇزان كوپېيج: «سىزگە مەلۇم بولغاندەك خىتاي بۇ يىل 2‏-دەرىجىلىك كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ دېگەنلىك ئۇ ئادەم ئەتكەسچىلىكىدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچىمىگە يەتمەيدۇ، ئۇنىڭدا بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن ھېچقانداق چوڭ ئالغا بېسىش بولمىدى، دېگەنلىكتۇر.

شۇڭا، ئۇ بۇ جەھەتتىكى سىناقتىن ئۆتەلمىدى. بىز دۆلەتلەرنى ئەھۋالىغا قاراپ دەرىجىگە تۇرغۇزۇشنى بىر خىل ئۆتكەل، دەپ قارايمىز ۋە خىتاي بۇنىڭدىن يەنە ئۆتەلمىدى. شۇڭا ئۇ 2‏-دەرىجىلىك كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا قويۇلدى. بىراق بىز خىتاينى ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەردە ئاكتىپ قەدەملەرنى بېسىشقا داۋاملىق چاقىرىمىز» دېدى.

لېكىن ئۇ خىتايدىكى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش ئورۇنلىرىغا ئۇچۇرلارنى يىغىۋاتقانلىقى، ئەمما ئورۇنلارنى ئېنىقلاش مەسىلىسىدە زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇزان كوپېيج مۇنداق دەيدۇ: «مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسىدە سىز ئېرىشكەندەك بىزمۇ داۋاملىق بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ئېرىشىۋاتىمىز. بەزى ئەمگەك لاگېرلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىپ، داۋاملىق ئىشلىتىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئورۇنلاردا كىشىلىرىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق. بىز بۇنىڭغا دائىر خەۋەرلەرنى يىغىۋاتىمىز ۋە بۇنى ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىراق بىزنىڭ بۇ خىل مەركەزلەرنى ئېنىقلاپ، تەھقىقلىشىمىز زور قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بىز (خىتاي) ھۆكۈمىتىدىن باشقا قاناللار ئارقىلىق ئۇچۇر ئالىمىز. (خىتاي) ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن باشقا بىز يەنە ئاممىۋى تەشكىلاتلار، چەتئەلدىكى خىتاي پۇقرالىرىدىن ئۇچۇر ئالىمىز.»

بەزى پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتىدا، مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشى، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ھاشارنى ئۈزۈل-كېسىل بىكار قىلىشنىڭ يولىنى ئېچىشقا پايدىلىق، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ھاشارغا سېلىشنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى.

يېقىنقى بەزى خەۋەرلەردە، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل ھاشارنى كۈچەيتكەنلىكى، بۇ يىل رامىزاندا دېھقانلارنى ھاشارغا تۇتۇپ، ھاشارنى روزا تۇتۇشنى چەكلەشتىكى بىر قورال قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.