ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2012 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەڭ يەر بەردى
2013.04.19

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلان قىلىدىغان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
ھەرقايسى ئەللەرنىڭ 2012 - يىلىدىكى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئومۇمىي باھا بېرىلگەن بۇ دوكلاتتا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق كەينىگە چېكىنگەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق ئېتنىك رايونلاردىكى بېسىمنىڭ ئىلگىرىلەپ ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە سىلەرگە مەزكۇر دوكلاتتىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ 2012 - يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان يىللىق دوكلات ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي تەرىپىدىن جۈمە كۈنى ئاخباراتقا ئېلان قىلىندى.
جون كېررىي سۆزىدە بۇ دوكلاتنى تەييارلاش مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ «بۇ دوكلات ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇنىۋېرىسال كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا دەۋەت قىلىدۇ ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقان جايلاردا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ. بۇ دوكلات ئارقىلىق بىز ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان غورۇرىنى تىكلەش يولىدىكى پائالىيەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا بۇ يولدا كۈرەش قىلىۋاتقان جاسارەتلىك كىشىلەرنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيمىز» دېدى.
جون كېررىي سۆزىنىڭ داۋامىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەرگىزمۇ ئامېرىكىغا ۋە ياكى غەربكە خاس بىر نەرسە ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ بارلىق ئىنسانىيەتكە ئورتاق بىر قىممەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار. شۇڭا بىز بۇنى ئۇنىۋېرىسال ھوقۇق دەپ ئاتايمىز» دېدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، جون كېررىينىڭ نۇتۇقى بىلەن ئېلان قىلىنغان 2012 - يىللىق دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمى 160 بەتتىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك دوكلاتتا خىتايغا بېرىلگەن ئومۇمىي باھا بولسا، بۇ دۆلەتتە 2012 - يىلى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كەينىگە چېكىنگەنلىكى، كىشىلەرنىڭ پىكىر ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنىڭ داۋاملىق چەكلەنگەنلىكى، ئىجتىمائىي ھەق - ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ چەكلەنگەنلىكى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان بېسىمنىڭ ئارتقانلىقىدۇر.
خىتايدا بۇ يىل مارت ئېيىدا ئېچىلغان 18 - قۇرۇلتايدىن كېيىن شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەتكە چىققانلىقى، ئەمما خىتاي خەلقىنىڭ بۇ نۆۋەتمۇ ئۆزىنىڭ رەھبىرىنى دېموكراتىك يوللار ئارقىلىق سايلاش ھوقوقىدىن بەھرىمان بولالمىغانلىقى دوكلاتتا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان نوقتىلارنىڭ بىرى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ گەۋدىلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بولسا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :
سوتسىز ئۆلۈم، خالىغانچە قولغا ئېلىش، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش، مەھبۇسلارنى قېيىن - قىستاق ئارقىلىق مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلدۇرۇش، ئادۋوكاتلارنى، ژۇرنالىست، يازغۇچى، مۇخبىر، ئۆكتىچى ۋە ئەرزدارلارنى قولغا ئېلىش، نورمال سوت تەرتىپىنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكى، سوت ۋە سوتچىلار ئۈستىدىكى سىياسىي كونتروللۇق، يىپىق سوت، يىغىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەش، دىنغا ئىشىنىش، ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەش، ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىماسلىق، باشقا دۆلەتلەرگە خىتاي پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان تەشكىلاتلارنى تەقىب قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاياللارغا، مېيىپلارغا ئايرىمىچىلىق قىلىش، بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاش، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، ئىشچىلار ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە چىرىكلىك.
ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بۇ دوكلاتتىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. مەسىلەن، خىتايدىكى ئۆز مەيلىچە ۋە قانۇنسىز ئۆلۈم جازالىرى دەپسەندىچىلىكى قىسمىدا رادىئومىز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 11 ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ ئۆلۈمى ۋە 28 - فېۋرال كۈنى قاغىلىقتا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرى مىسال قىلىنغان. ئۇنىڭدا 11 ياشلىق مىرازاھىد ئامانۇللانىڭ دىنىي كۇرسقا بارغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ساقچىخانىدا ئۆلۈپ قالغان بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ بۇ بالىنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىدا ساقچىنىڭ خاتالىقى بارمۇ - يوق دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى، بىرەر ساقچىنىڭ بالىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقى ھەققىدىمۇ بىر ئۇچۇر يوقلۇقىنى ئېيتقان. يۇقىرىدىكى ھەر ئىككىلا ۋەقەدە ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان دىلشات پەرھات، نۇرئەلى، نىجات ئازاد، مەمەتجان ئابلالارنىڭ ھېلىھەم «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش» جىنايىتى بىلەن تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق رايونلارغا بارغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ قاتتىق تەقىبكە ۋە قوپال مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقى، پاسپورت ئېلىشتا ئۇچراۋاتقان قېيىنچىلىقلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەرگە چىقىشتىن، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىشتىن ئالاھىدە چەكلەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەرگە ئاكادىمىيىلىك يىغىنلارغا قاتنىشىش ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن بېرىشىتىن چەكلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مالايشىيادىن قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى ۋە 2009 - يىلى كامبودژادىن قايتۇرۇپ كېتىلگەن 20 ئۇيغۇرنى مىسال قىلغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئىزچىل باش تارتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتنىڭ خىتايدىكى ئېتنىك ۋە ئاز سانلىقلار مەسىلىسى قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغىنى ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسى. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئاشۇردى. يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر، خىتاي نوپۇسى نىسبىتى ئەسلىدىكى 20: 80 دىن 80: 20 گە ئۆزگىرىپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارغا خىزمەت بېرىشنىڭ ئورنىغا، ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىغا كۆچمەن خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇردى. خىتاي دائىرىلىرى خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر رايونىدا ئىش ئىمكانى بىلەن تەمىنلەپ ئۇلارنى ئۇيغۇر رايونىغا كېلىشكە داۋاملىق ئىلھاملاندۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىچكىرىگە ئىشچىلىققا ئەۋەتىلىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلماقتا.»
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2012 - يىللىق دوكلاتىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلىق ھالدا سۇسلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مىللىي تىل - يېزىقىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنى قىسقارتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. خىتاي تىلىنى مىللىي مەكتەپلەردە ئاساسلىق تىل قىلىش ئارقىلىق، مىللىي تىل - يېزىقنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتماقچى بولغان. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا، سودا - سېتىق تىجارەتتە ۋە پەن - تەتقىقات ساھەسىنىڭ ھەممىسىدە خىتاي تىلى ئىشلىتىشنى ئىجرا قىلىپ، مىللىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» دەپ ئاتالغان دىنىي ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورچىلىقلارغا قاراتقان زەربىسىنى ئاشۇرغان. ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى تىنچلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى تېررورچى قالپىقىنى كىيگۈزۈپ جازالىغان.
دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
«خىتاي ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى چىقارغان ئۇچۇر - ئالاقە ھۆججىتىگە ئاساسەن، ئىنتېرنېتتا بۆلگۈنچىلىككە ئوخشاش تېمىلاردا مۇنازىرىلىشىشنى، ئىنتېرنېتنى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش، جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش جىنايىتى بىلەن جازالاشنى بېكىتتى. ئۆتكەن يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى 3 خىل كۈچلەردىن كېلىدىغان تەھدىتنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، يەرلىك خەلق، ژۇرنالىستلار ۋە چەتئەللىك زىيارەتچىلەرگە قارشى ھەددىدىن زىيادە خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى ئالدى»
دوكلات ئاز سانلىقلار مەسىلىسى قىسمىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ئورگان - تەسىسلىرىنىڭ ھەممىسىنى خىتايلارنىڭ كونترول قىلىۋېلىشىنىڭ، رايون ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىكنى ئاشۇرۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ھۆكۈمەت ئۇيغۇر رايونىغا مەبلەغ سېلىپ، ئىقتىسادنى ياخشىلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىقتىسادىي گۈللىنىشتىكى پايدىنىڭ كۆپ قىسمىدىن يەنىلا رايوندىكى خىتايلارنىڭ بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.