ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى تونۇشتۇردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.12.06
Uyghur-xanim-qizliri-uyghurlar-namayish-elfidar.jpg 10 نەپەر ئۇيغۇر خانىم-قىز ئامېرىكا-خىتاي ئىككى تەرەپ دىپلوماتلىرى زىياپەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مېھمانخانا ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 5-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنى قۇرۇپ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنى قامىغانلىقى خەلقئارادا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى مەتبۇئاتلاردا ھەر خىل شەكىلدە قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكا-خىتاي ئىككى تەرەپ دىپلوماتلىرى ئامېرىكا خىتاي سودا كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ھالبۇكى، 5-دېكابىر ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن تەشكىللەنگەن 10 نەپەر ئۇيغۇر خانىم-قىزى زىياپەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مېھمانخانا ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇش شەكلىدە ئۆتكۈزگەن نارازىلىق نامايىشى مەزكۇر پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇئەييەن دەرىجىدە تارتتى

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئەلفىدار خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 45-يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان بۇ كۈننى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمىنى ئاڭلىتىشنىڭ، ئامېرىكا ۋە دۇنيادىن ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، دەپ بىلىپ، بۇ نامايىشنى مۇشۇ كۈنگە توغرىلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلار مەزكۇر نامايىش ئارقىلىق خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە سودىگەرلەرنى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا، پەقەتلا ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلارنىڭ تىنچ يوسۇندىكى بۇ نامايىشى زىياپەتكە كەلگەن مېھمانلار ۋە باشقا كىشىلەرنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.

ئەلفىدار «گەرچە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ دىققىتى ۋە ئۇلارنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلۈشىدىن ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق» دەيدۇ.

ئەلفىدارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىز-ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن بۇ گۇرۇپپا يەنە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ۋە خەلقئارالىق سودا تەشكىلاتلىرىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە خەت ئەۋەتىشنى، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل سورۇنلارغا قاتنىشىش پۇرسەتلىرىنى قولدىن بەرمەي ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقچى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.