ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار: «بارىن روھى ئۇيغۇر ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئىلھام بولۇپ كەلمەكتە»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.04.05
uyghurda-qarshiliq-tutqun.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر قارشىلاشقۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى.
Social Media

بارىن ھەققىدىكى شاھىتلار خاتىرىسى ئاساسىدا يېزىلغان تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇندىن 27 يىل مۇقەددەم، قىزىلسۇ ئوبلاستى تەۋەسىدىكى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدىن زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى دېھقانلار يېزىلىق ھۆكۈمەتكە «پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن، شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەش توختىتىلسۇن، خەلقىمىز ئۈستىدىكى سېلىق مەجبۇرىيەت توختىتىلسۇن، خىتاي مىللەتچىلىكى تۈگىتىلسۇن، ئېزىشكە، يوقىتىشقا خورلۇققا قارشى تۇرىمىز.» دېگەندەك تەلەپلەرنى سۇنغان، يەنە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېسىپ كىرىپ رەسمىي نارازىلىق ھەرىكىتىنى باشلىغان. بارىن دېھقانلىرىنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكىتى كېيىن، قوراللىق باستۇرۇشقا كەلگەن خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن 5 كېچە-كۈندۈز داۋام قىلغان قانلىق جەڭگە ئايلانغان. 20 مىڭ ئەتراپىدا نوپۇسقا ئىگە بارىن خەلقىنى 22 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر مۇھاسىرىگە ئېلىپ بارىن ئىنقىلابى قانلىق باستۇرۇلغان. ئىنقىلاب قوماندانلىرى زەيدىن يۈسۈپ، 26 ياش، بارىن يېزىسىنىڭ بارىن كەنتىدىن، بارىن ئىنقىلابىنىڭ باش قوماندانى، ئۇ 1989-يىلدىن ئېتىبارەن بارىن يېزىسىدا مەخپىي ھالدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» نى قۇرۇپ، پائال ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قورال-ياراغ تەييارلاپ، «خەلقنى مەشىقلەندۈرۈپ، ۋەتەننى ئازاد قىلىپ، مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرەيلى» دېگەن شوئارنى يولباشچى قىلغان. 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىشقا قوماندانلىق قىلىۋاتقاندا نەق مەيداندا ئوق تېگىپ قۇربان بولغان.

بارىن ئىنقىلابىنىڭ زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى مۇجاھىدلارنىڭ سانى 500 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلاردىن زەيدىن يۈسۈپ، ئىسھاق ھوشۇر، مۇھەممەد تۇردى، مۇھەممەد تۇرسۇن قاتارلىق 107 نەپىرى قارشىلىق كۆرسىتىش جېڭىدە خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان، 289 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. ئەمما تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن يېزىسىدا ئېلىپ بارغان قوراللىق تىنچىتىش ھەرىكىتىدە پۈتۈن بارىن يېزىسىدىكى خەلقنىڭ،مەيلى ئىنقىلابقا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەتتا بىگۇناھ ئايال ۋە بالىلارنىڭمۇ ئوققا تۇتۇلغانلىقى، بارىن يېزىسى ۋە باشقا يېزىلاردىنمۇ ئىككى مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن ۋە ئەتراپتىكى يېزىلاردا ئېلىپ بارغان مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى سىياسىي ئۆگىنىش، مەزكۇر قوزغىلاڭ ۋە قوزغىلاڭچىلارنى قارىلاش، تەنقىدلەش ھەرىكەتلىرى ھەمدە ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى گەرچە بارىنلىقلارنى، «ئۆز يېزىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى يۈز بەرگەن بۇ قوزغىلاڭ ۋە باستۇرۇش ھەققىدە سۆز ئاچماسلىققا مەجبۇر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما چەت ياقىدىكى بۇ كىچىك يېزىدا يۈز بەرگەن بۇ پەۋقۇلئاددە ۋەقە ۋە شۇ دەۋر ئۇلارنىڭ چەككەن رىيازەتلىرى بارىنلىقلارنىڭ يادىدىن ھېچ چىقمايدۇ. بارىن ئىنقىلابچىلىرى، شېھىتلىرى ھېلىھەم ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئەسلىنىپ كەلمەكتە.»

بارىندىكى باستۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتمۇ خىتاينى ئەيىبلەپ كەلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ 18 يىل ئىلگىرى يەنى 1999-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە 92 بەتلىك مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان. ئۇ دوكلاتتا بارىن ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇماتلاردا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 200 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئىنساننى تۇتقۇن قىلىپ قاماق جازاسى ئېلان قىلغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ نەچچە مىڭغا يېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ماتېرىياللىرىدا، بارىن ۋەقەسىگە ئەينى چاغدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە پىلانلىق ئېلىپ بارغان، زوراۋانلىق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى» دېگەندەك باھالارنى بەرگەن بولسا، 2011-يىلىدىن كېيىن بارىن ھەققىدە ئىشلەتكەن ئىبارىلىرىگە «تېررور» ئاتالغۇسىنى قوشۇپ، «ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرگەن بىر ئوچۇم تېررورچىلارنىڭ ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكى مەلۇم.

بارىندا 27 يىل مۇقەددەم يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق تىنچىتىلغاندىن سىرت، ئىككى يىلغىچە مەخپىي تۇتۇلغان. ئەينى چاغدا بەزى شاھىتلار تەرىپىدىن ۋەقە تەپسىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى ۋە ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى مەمتىمىن ھەزرەت قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە مەتبۇئاتلارغا يەتكۈزۈلگەنلىكى ۋە دۇنياغا تارالغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە بىز تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىپ ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلدۇق.

ھامىت ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئەڭ دەسلەپ بارىن ۋەقەسى مەلۇم ئۇيغۇر سودىگەر ئېلىپ كەلگەن مەكتۈپتىن ئاشكارا بولغان، مەكتۇپتا، سۈرەت، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ خىتابنامىسى ۋە بارىن قوزغىلىڭىنىڭ قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە باستۇرۇلۇش جەريانلىرى ھەققىدە خېلى تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەزكۇر مەلۇماتلار ئاساسىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ۋە مەتبۇئاتلارمۇ بۇ ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ كەڭ تۈردە خەۋەر قىلغان. بارىن ۋەقەسى شۇندىن كېيىن خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇلۇشقا باشلىغان.

«بۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەڭگۈ تىز پۈكمەيدىغان بىر قەھرىمان مىللەت ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا، خىتاي مىللىتىگە مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتقان تارىخى بىر ۋەقە» دەپ باھا بەرگەن ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ۋەقەنىڭ «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق روھىنى ئويغاتقان تارىخى بىر ۋەقە بولۇش سۈپىتى بىلەن بارىن ئىنقىلابى روھى ھېچقاچان ئۆلمەيدۇ» دەپ بىلدۈردى.

بارىن ئىنقىلابىغا 27 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمىنلىكىنى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى دېيىشكە بولىدۇ، ھالا بۈگۈنمۇ بارىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق جايلار خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن ۋەزىيەتتە. ئۇنداقتا، بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسىدا بۈگۈن بىلەن نېمە پەرقى بار؟

بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم، بارىن شېھىتلىرىنىڭ ئەينى چاغدا ۋەتەن، مىللەتنىڭ قايغۇسىنى، مۇستەقىللىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى، ھۆرلۈكىنى، غۇرۇرىنى، دەپسەندە بولۇۋاتقان مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جانلىرى ۋە ماللىرى بىلەن شۇ كۈرەشكە ئاتلانغانلىقىنى، گەرچە بار كۈچى بىلەن تىركەشكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەن ۋە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ قارشىلاشقۇچىلارلا ئەمەس، پۈتۈن بارىندىكى بىگۇناھ خەلق ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى سۆزلەپ، ھەتتا بۈگۈنگىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل قىرغىنچىلىقىنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتەك دۆلەت تېررورلۇقىنى قانۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئاخىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ باستۇرۇش بىلەن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ «بېسىم قانچە كۈچەيسە، بۇ ئارزۇ ۋە قارشىلىقمۇ شۇنچە كۈچىيىپ بارىدۇ» دەپ بىلدۈردى ھەمدە دۇنيا جامائىتىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر بىر باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە خىتاينى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئۇنتۇماسلىققا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.