5-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا بارىن ۋەقەسىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 5-ئاپرېل كۈنى ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامايىش ئېلىپ باردى.
نامايىش باشلانغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بارىن ئىنقىلابىنىڭ يۈز بېرىش جەريانى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، بارىن ئىنقىلابىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ نامايىش جەريانىدا سۆز ئېلىپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ رولى توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
بۈگۈنكى بۇ نامايىش سائەت 16:00-17:30 قەدەر بىر يېرىم سائەت داۋاملاشتى. خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىنى شوئار ئاۋازلىرى لەرزىگە سالدى. ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە، گېرمانچە، خىتايچە تىللاردا شوئارلار توۋلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى ۋە تەلەپلىرىنى ئىپادە قىلىشتى.