0:00 / 0:00
بارىن ۋەقەسىنىڭ 23 - يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، بولۇپمۇ بارىن ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئورنى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بارماقتا. 1949 - يىلىدىن بۈگۈنگىچە بولغان 60 نەچچە يىللىق تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، تەخمىنەن ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم بۈيۈك ۋەقە مەيدانغا چىققان. بۇ ۋەقەلەر قايسىلار؟ بۇ ۋەقەلەر ئىچىدە بارىن ۋەقەسىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك؟
يوقىرىقىدەك سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، بارىن ۋەقەسىنىڭ شاھىدى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
قەيسەرى ۋالىسى شەرىف يىلماز ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلدى