ئايكۆل دېھقانلىرى: ھەر دۈشەنبە كۈنى بايراق چىقىرىمىز، نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەيمىز

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.10.30
meschit-qizil-bayraq-305.jpg ئاۋات ناھىيىسىدىكى مەسچىتكە خىتاي دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى ئېسىش كۆرۈنۈشى. 2011-يىلى 9-ئاۋغۇست.
www.awtdj.gov.cn

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىق چارە - تەدبىرلىرى بارغانسېرى ئەسەبىي، ھەجىۋىي ۋە ھاماقەتچە شەكىللەردە داۋاملاشماقتا. بۇ قاراشنى دەلىللەيدىغان پاكىتلاردىن بىرى بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ ئاقسۇ ئايكۆلگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە ئايكۆل بازىرىدىكى دېھقانلار ھەر دۈشەنبە ئەتىگەندە كەنت ئىشخانىلىرىغا مەجبۇر توپلىنىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇرۇلغان. ھەر قېتىملىق مۇراسىمغا 400 - 500 دېھقان توپلىنىپ، ئارىسىدىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بايراقنى چىقارسا، قالغانلىرى سەپ بولۇپ تىزىلىپ بايراق چىقىرىشنى سۈكۈت ئىچىدە كۆزەتكەن.

بۇ ئىشنىڭ ئەجەپلىنەرلىك يېرى، مۇراسىمغا قاتناشقان دېھقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بۇ بايراق چىقىرىشنىڭ مەنىسى، مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن.

بۇ ئەھۋالنى ئاقسۇ ئايكۆلدىكى بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىۋاتقان ئىككى دېھقاننىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.