بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇلۇش ۋەقەسى نارازىلىق قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2013.04.30

بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەمەتجان ئەلى ياتىقىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلدى. بۇ ۋەقە 23 - ئاپرېلدىكى مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسىدىن بىر كۈن كېيىن يۈز بەردى.

مەمەتجان، مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ 3 - قارار ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ساۋاقداشلىرى ئۇنى، مىجەزى سىلىق كەم سۆز دەپ تەرىپلەيدۇ. ئاۋازىنى بېرىشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇيمەن، ھەممىمىز ئۇنىڭ بەك يۇۋاش ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئۇنىڭ ھېچقاچان بىرەرسى بىلەن گەپ تالىشىپ باققىنىنىمۇ كۆرمىگەن ئىدۇق.»

مەمەتجان 4 خىتاي ئوقۇغۇچى بىلەن بىر ياتاقتا يېتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۇ ياتىقىدا كىنو كۆرۈۋاتقان ئىكەن. ياتاقتا 3 خىتاي ئوقۇغۇچى قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى كېلىپ بىكاردىن بىكار مەمەتجانغا ئېسىلىۋېلىپ بوزەك قىلغان، مەمەتجان ئۇنىڭ قەستەن چاتاق تېرىش ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن جىم تۇرۇۋالغان. ئەمما خىتاي ئوقۇغۇچى ھەددىدىن ئېشىپ ئۇنىڭ گېلىنى سىققان. مەمەتجان ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپ ئاۋارىچىلىق تېرىماسلىقنى ئېيتقان، ئەمما ئۇ خىتاي ئوقۇغۇچى توساتتىن مەمەتجاننىڭ كۆزىگە بىر مۇش ئۇرغان، ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان يەن بىر خىتاي ئوقۇغۇچى ئورۇندۇق بىلەن مەمەتجاننىڭ بېشىغا قاتتىق ئۇرغان، ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغىچە 3 - ئوقۇغۇچى ئايرىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئېسىلىۋېلىپ قالغان ئىككىيلەننىڭ دۇمبالىشىغا تۇتۇپ بەرگەن.

ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان مەكتەپ ئامانلىق ساقچىلىرى دەرھال يېتىپ كېلىپ جېدەل چىقارغان ئۈچ نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنى ئېلىپ كەتكەن. ئەمما سوراق قىلىپ بولۇپلا بىرەيلەننى تۇتۇپ قېلىپ قالغان ئىككىسىنى دەرھال قويۇپ بەرگەن.

مەمەت جاننىڭ بىر كۆزى ئېغىر زەخمىلەنگەن بولۇپ، دوختۇرلار ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن كۆزەينەك تاقىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مېڭىسىمۇ زەخمىلەنگەنلىكتىن قاتتىق ئاغرىۋاتقان بولۇپ، دوختۇرلار ئۇنىڭ مېڭىسىگە تېخى ئېنىق دىئاگنوز قويمىدى.

غەزەپلەنگەن 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھويلىسىغا يىغىلىپ مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن بۇ دېلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى ۋە مەمەتجاننىڭ دوختۇرخانا چىقىملىرىنى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. مەكتەپ رەھبەرلىكى دوختۇرخانىغا 8000 يۈەن يەتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ دوختۇرخانا خادىملىرى بۇ پۇلنىڭ تۈگەپ قالغانلىقىنى مەمەتجاننىڭ بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىرى، توپلىشىۋالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھەر خىل ئىدىيە تەربىيە خىزمەتلىرى ئىشلەپ ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەن. ئىدىيە - تەربىيە خىزمىتى ئىشلەش ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا. خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىكنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاقلىرىنى ئايرىدى.

بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بۇرۇن ھەر بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىغا چېچىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئەمما ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا بىللە تۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بىز ئۇلارنىڭ ياتاقلىرىنى ئايرىلغاندىن كېيىن بىخەتەر ھېس قىلغان - قىلمىغانلىقلىرىنى سورىغىنىمىزدا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇنداق دەيدۇ:

«ياتاقنى ئايرىغان بىلەنلا ھەل بولامدۇ، شەھەر مۇشۇلارنىڭ، مەكتەپ مۇشۇلارنىڭ ھەممە نېمە مۇشۇلارنىڭ قولىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ سانىمىز بەك ئاز.»

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ ۋەقەنى سېرىقبۇيا ۋەقەسىگە باغلاپ چۈشەندۈردى. ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتىنىڭ مۇاۋىن رەئىسى ئادىل ئابباس بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تېررورىست كۆرسىتىپ تەشۋىق قىلىپ كەلدى، ئۆزىنىڭ خىتايلىرىنى ھىمايە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە بوزەك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن..»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.