چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى نارازىلىق قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.01.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ghulja-bronewik-herbiy.jpg خىتاي ئەسكەرلىرى برونېۋىكلىرى بىلەن غۇلجا شەھەر ئىچىگە كىرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 26-يانۋار.
Social Media

خىتاينىڭ ھەر يىللىق چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە بۇ خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. ئۇندىن باشقا رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتتىن بولغان ساقچى ۋە باشقا ھۆكۈمەت كاردىرلىرى، ئىشچى، خىزمەتچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن دەم ئېلىشتىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئىدارىلەردە 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىق خەلقلەرنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە پۈتۈن خىتاي بويىچە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرىڭ بىر ھەپتىلىك دەپ ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى، شەخسى شىركەت، زاۋۇتلارنىڭمۇ خىزمەتچىلىرىنى دەپ ئېلىشقا قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلقىنىڭ چاغانلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆز-ئارا ھېيتلاش، ساياھەت قىلىش، تۇغقان يوقلاش قاتارلىق خوشال كەيپىياتتا خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تەشۋىقاتلارنى كۈپەيتتى.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە دائىرىلەر ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، رايوندا ئۇيغۇر، خىتاي قوشماق تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەنلىكىنى مەدھىيىلەيدىغان خەۋەرلەرنى كۆپەيتكەن.

خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى، خەلق تورى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ 27-يانۋاردىكى سانىدا، چاغان مەزگىلىدە ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى رەھبەرلەردىن تارتىپ، ناھىيىلەردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان ئادەتتىكى كادىرلارغىچە بولغان بارلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە قوشماق تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ھەر مىللەت ئاممىسىدىن ھال سوراش، ئۇلارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانلىقى، بايراملىق كۆڭۈل ئېچىش مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا چاغانلىق بايرام كەيپىياتى يارىتىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ بېسىلدى.

ئەمما رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى چاغان مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش نامىدا، شەھەر كوچىلىرىدا 24 سائەت كوچا چارلايدىغان ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى كۆپەيتىش، ھەتتا غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە تانكا، برونىۋېكلارنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارغا ھەيۋە كۆرسىتىش، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەت كادىرلىرىنى چاغان مەزگىلىدە نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەتتا قانۇن ساھەسىدىكى ئىدارە-ئورگانلاردا نورمال خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، چاغان مەزگىلىدە خىتايلاردىن باشقا مىللەت خىزمەتچى خادىملىرىنى ئىشىلەشكە مەجبۇر قىلغان.

ئىلى دىيارىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر، رايوندىكى ۋەزىيەتنى تەسۋىرلەپ، خىتايلار ئېتىلداق ئېتىپ چاغاننى تەبرىكلەۋاتقان، رادىيو، تېلىۋىزورلاردا مىللىي ئىناقلىق، قوشماق تۇغقاندارچىلىق مەدھىيىلىنىۋتقان بولسىمۇ، ئەمما غۇلجا شەھىرىدە ساقچى ئاپتوموبىللىرى، برونىۋېكلارنىڭ 24 سائەت چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيىدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ چاغان مەزگىلىدە كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇپ، كۈندۈزى يەنىلا نورمال خىزمەت تەرتىپى بويىچە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفونىمىزنى كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ساقچى ئالدى.

تېلېفوننى ئۇيقۇلۇق ھالدا ئالغان بۇ ساقچى خادىمى چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ 24 ساتەتلىك نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قاتتىق چارچىغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر مەلۇم قىلىدىغان جىددىي ئەھۋال بولمىسا، نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىشىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان بۇ خىل قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا 2-دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچرىشى، ھەتتا باستۇرۇلۇشى يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە غەرە دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە خاراكتېرىنى ئالغان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەشۋىقاتىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلغان قوشماق تۇغقان بولۇش، ئىناق كەيپىيات يارىتىش تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە رايوندا ھەر مىللەت خەلقى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى مەدھىيەلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا دۆلەت بويىچە بايرام قىلىپ بەلگىلەنگەن چاغان قاتارلىق بايراملاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ساقچى ئاپتوموبىللىرى تانكا، برونىۋېكلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ھەيۋە كۆرسىتىشى، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىغا خىتايلاردىن پەرقلىق ھالدا تېخىمۇ ئېغىر خىزمەت يۈكلىرىنى ئارتىشى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ھوقۇقسىز ۋەزىيىتىنىڭ ۋە 2-دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە باستۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزى ئارزۇ قىلغان مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىككە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ۋە شىددەتلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.