چاغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ سەپەر قىلىشى يەنىمۇ قىيىنلاشقان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.02.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
saqchi-uyghur-qiz-tekshurush-305 ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ بىرىدە، خىتاي ساقچى بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ سوراق قىلماقتا. (ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
AFP Photo


خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇ 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن باشلاپ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش«چاغانلىق يولۇچى توشۇش ھالىتى» گە كىرگەن بولۇپ مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل چاغانلىق يولۇچى ترانسپورت مەزگىلىدە، يالغۇز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 1 مىليون 270 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەزگىلدە بىر تەرەپتىن يولۇچى توشۇش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەن بولسا، ھەر يىلى چاغان بايرىمى مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتناش بېكەتلىرىدىكى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقى ۋە يەنە چېگرا مۇداپىئەسىنىمۇ ئالاھىدە كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. ئىگىلىشىمىىزگە قارىغاندا ھۆكۈمەتنىڭ چاغانلىق بۇ خىل تەدبىرلىرى بىلەن خىتاي يولۇچىلارغا قولايلىق يارىتىلغان بولسا، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت ئاتلاپ سەپەر قىلىشى يەنىمۇ قىيىنلاشقان.

«ئاسىيا كىندىكى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 24 - يانۋاردىن باشلاپ كەلگۈسى 40 كۈندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ئوخشاش «چاغانلىق يولۇچى توشۇش ھالىتى» گە كىرىدۇ.

چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاشيول تىرانسپورتىغا 40 مىڭغا يېقىن تىجارەت ئاپتوبۇسى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 14 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلىدىكەن، كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن؛ تۆمۈر يول تىرانسپورتىدا يولۇچى توشۇش مىقدارى 3.08 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇنىڭ ئىچىدە،ئاپتونوم رايوندىن سىرتقا چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ مىقدارى 900 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن، يولۇچىلار ئېقىمى ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، خەنكۇ، جېڭجۇ، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ قاتارلىق يۆنىلىشلەرگە ئاقىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، خەلق ئاۋىياتسىيەسى جەھەتتە، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى 16 مىڭ قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سانىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن، يولۇچى توشۇش مىقدارى 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن. چېگرا ئاتلاپ ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ سانىمۇ كۆرىنەرلىك ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن. - 1 فېۋرال خىتاي قاتناش مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يەتتە كىشلىكتىن كىچىك ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان ھەق كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى 7 - فېۋرال(ھارپا كۈنى) سائەت نۆلدىن 13 - فېۋرال سائەت 24:00گىچە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھالبۇكى دائىرىلەرنىڭ چاغان مەزگىلىدە چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، مۇقىملىق تەدبىرلىرى باھانىسىدە پاسپورتىنى ئالالماي ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدىن قالغان بىر ئۇيغۇر كارخانىچى، ئۈرۈمچىدە دائىرىلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىش ئىشلىرى تېخى داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىش بېجىرگۈچىلەرنىڭ مۇلازىمەت ئوبېيكتىنىڭ ئاساسەن خىتايلار بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدىن بىر دېھقان، ئۆزىنىڭ پاسپورت بېجىرىش تۇرماق، ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چاغانلىق ئىش ئىزدەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارىدىغانغىمۇ تارماقلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالالماي ئىشسىز قالغانلىقىنى، چاغاندىكى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىنكاسلار ۋە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ چاغان بايرىمى يېقىنلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا قايتىدىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» نىڭ 2 - فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت چاغان مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقارغان. بۇنىڭدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ، بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىدىن باشقا يەنە، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، بىرىنچى بولۇپ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەمما نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان گۇما ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر خادىمى، چاغان ھارپىسىدىن باشلاپلا جايلار، تارماقلار 24سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت ئۇقتۇرغاندەك بايرام، چاغان مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نورمال ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

كۇچا ناھىيىسىدىكى مەلۇم يېزىلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چاغاندا بەلگىلىمە بويىچە سىرتقا چىقىدىغان دېھقانلار ئۈچۈن ئىش بېجىرىلمەيدىكەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە دېھقانلارنىڭ ئىش بېجىرىشىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تۈزۈمگە، ئىدارىنىڭ مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلەشكە ئامالسىزلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.