چېن پوكۇڭ: «چېن چۈەنگو ناتسىستلار گېرمانىيەسىدىكى گېستاپوچىلار باشلىقىنىڭ رولىنى ئېلىۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.03.07
chen-pokung-yighin.jpg خىتاي ئانالىزچى پوكۇڭ ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيىتى ئىسكەنجىگە ئېلىنماقتا» تېمىسىدا ئېچىلغان يىغىندا. 2018-يىلى 26-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

بۇلتۇردىن بۇيان بارغانچە يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى خەلقئارا تاراتقۇلاردا «تىپىك ساقچى دۆلىتى»، «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دېگەن سۈپەتلەر بىلەن تەسۋىرلەنمەكتە. ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن چېن پوكۇڭ ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىنى ئۈستى ئوچۇق جازا لاگېرىغا ئايلاندۇرغان چېن چۈەنگونى «ناتسىستلار گېرمانىيەسىدىكى گېستاپوچىلارنىڭ باشلىقى» غا ئوخشاتتى. شيا مىڭ ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي مەركىزىدىن لايىھەلىنىۋاتقانلىقىنى، چېن چۈەنگونىڭ بۇ سىياسىي ئويۇننىڭ باش رولچىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تونۇلغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ئوبزورچى چېن پوكۇڭ ئەپەندى يېقىندا ئېلان قىلغان «چېن چۈەنگو يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىنى بەرپا قىلدى» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ماقالىسىدە 2016-يىل 8-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى تىپىك «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇپ، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى گېلېر گېمانىيەسى دەۋرىدە يەھۇدىيلار قامالغان «جازا لاگېرلىرى» يەنى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە قاماۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئوبزورچى چېن پوكۇڭ مۇنداق دېدى: «چېن چۈەنگو رايوندا ‹ئاسماندا تور يەردە قاپقان› نازارەت سىستېمىسى قۇردى. ئۇ كېلىشى بىلەنلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچىلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ، يېڭىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى قوبۇل قىلدى. پۈتكۈل رايوندا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرى 7300 گە يەتكۈزۈلدى. كوچا-كويلاردىن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگىچە ھەممە جايغا كۆزىتىش كامېرالىرى ئورنىتىلدى. مەكتەپ بالىلىرىدىن پۇقرالارغىچە قول تېلېفونلار خالىغانچە تەكشۈرۈلۈپ، كومپيۇتېرلارغا نازارەت يۇمتاللىرى ئورنىتىلدى. پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا دوقمۇش-دوقمۇشلاردا ساقچى قاراۋۇلخانىلىرى قۇرۇلدى.»

چېن پوكۇڭ ئەپەندى يەنە چېن چۈەنگونى يېڭى دەۋردىكى «گېستاپوچىلار كاتتىۋېشى» دەپ تەسۋىرلەپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە يەھۇدىيلار ئۇچرىغاندەك پۈتكۈل مىللەت بويىچە جازالىنىش قىسمىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

چېن پوكۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «چېن چۈەنگونى زامانىمىزدىكى گېستاپوچىلارنىڭ كاتتىۋېشى دەپ تەسۋىرلەش مۇمكىن. چېن چۈەنگو ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ، ئاتالمىش ‹سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى›، يەنى تۈرمە تۈسىنى ئالغان ئېگىز تاملار قوپۇرۇلۇپ، تىكەنلىك سىملار تارتىلغان، نازارەت چىراغلىرى ئورنىتىلغان قاماقخانىلارغا قامىدى. تاراتقۇلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، پۈتكۈل شىنجاڭدا تەخمىنەن 5 پىرسەنت ئۇيغۇر ئاتالمىش ‹سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى› گە قامالغان. جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار 40 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ قاراقسىز قالغان بالىلىرى دارىلتاملارغا، ھەتتا خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىدىكى دارىلتاملارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. بۇ جايلارنى ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ياكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى ‹ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش مەركەزلىرى› گە ئوخشىتىش مۇمكىن. بۇ جايلاردا ئۇيغۇرلار قاتتىق قىيناقلارغا دۇچ كەلمەكتە. ھەتتا يېقىندا ئاتاقلىق بىر ئۇيغۇر ئۆلىماسىنىڭ بۇ خىل تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.»

چېن پوكۇڭ ئەپەندى يەنە چېن چۈەنگو دەۋرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت باستۇرۇشىنىڭ بارغانچە رادىكاللاشقىنىنى تەسۋىرلەپ، «نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشىش، ئۇيغۇر مائارىپىدا تەربىيەلىنىشى پۈتۈنلەي چەكلەندى. ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش قىسمىتىگە ئۇچرىماقتا. چېن چۈئەنگو دەۋرىدىكى ئۇيغۇر دىيارى خەلقئارا تاراتقۇلاردا دېيىلگەندەك ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە، يەنى پۈتكۈل يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلدى» دېدى.

نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى، دوكتور شيا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان رادىكال باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر دىيارىنى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرۇشىغا يەنىلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ «مەڭگۈلۈك پادىشاھ» بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇسى سەۋەب بولغان دېيىش مۇمكىن.

شيا مىڭ مۇنداق دېدى: «چېن چۈەنگو ھازىر شىنجاڭدا نازارەتنى كۈچەيتىپ، ھەممە جاينى ساقچىلار قاپلىغان ۋەھىمىلىك ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇيغۇرلار ھازىر 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلار قامالغان ‹جازا لاگېرلىرى› تۈسىدىكى ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دە جازالىنىۋاتىدۇ. شۇڭا خەلقئارادا ئۇيغۇر دىيارى ‹ئۈستى ئوچۇق تۈرمە› دەپ تەرىپلىنىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، چېن چۈەنگو ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتە مەڭگۈلۈك پادىشاھ بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خىتايدا ھاكىممۇتلەقلىق سىياسەت يۈرگۈزۈش ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان دىكتاتور ھۆكۈمران شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلغۇچى بىر غالچا، خالاس. چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان رادىكال باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا يەنىلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى سەۋەب بولماقتا.»

شيا مىڭ ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ پۈتكۈل خىتاي دۆلىتىگە كېڭىيىش ئېھتىمالىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى.

شيا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان» شەكلىدىكى پۈتكۈل خەلقىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش، كىشىلىك ئەركىنلىك پۈتۈنلەي چەكلەنگەن ۋەزىيەت پۈتكۈل خىتاي دۆلىتىگە كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رادىكال باستۇرۇش پۈتكۈل خىتاي دۆلىتىگە كېڭەيسە ئۇ ھالدا پۈتكۈل خىتاي دۆلىتى ھەقىقىي ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.