دولقۇن ئەيسا «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.06.05
dolqun-eysa-4-iyun-namayish-biryussel.jpg «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمەكتە. 2018-يىلى 4-ئىيۇن، بىريۇسسېل.
RFA/Ekrem

4-ئىيۇن كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان «تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» غا قاتناشقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، 1989-يىلى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 29 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرلۈك شەكىللەردىكى يىغىلىش، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن ۋېي جىڭشېڭمۇ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا «تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» ئۇيۇشتۇرغان، ئەمما ۋىزا ۋە پاسپورت توسالغۇسى سەۋەبلىك يىغىنغا ئۆزى قاتنىشالمىغان. ياۋروپادىكى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرى ۋە يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يىغىنغا ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ساھىبخانىلىق قىلغان.

بىريۇسسېلدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىن زالىدا 4-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن «تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى»غا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، سۆز پۇرسىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي ئاڭلىتىش ئىمكانىغا ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

يىغىندا خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ بىر قىسىم شاھىتلىرى ئەينى زاماندىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلۇش تارىخى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلىشقان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ بايانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىزىقارلىق بولغانلىقىنى ئىزاھلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى لۇسىئا خانىممۇ يىغىن ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمى ھەققىدە توختالسام؛ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنى مىساللىرى بىلەن ئەتراپلىق ئاڭلىتىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلدى. بولۇپمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ تەسۋىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى ۋە غەزەپلەندۈردى. خۇددى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار قامىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بارغانسېرى قىزىق تېمىغا ئايلىنىۋاتقانغا ئوخشاش، خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدىمۇ بۇ تېما كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا. بۈگۈنكى يىغىندىمۇ شۇنداق بولدى. ساقچى دۆلىتى ھەم جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى خەلقئارادا داۋاملىق جىددىي تېما ھالىدا تۇتۇش لازىم، دەپ قارايمەن».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا بۇ كۈنى ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەخسلەرنىڭ بىر يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ساخاروف مۇكاپاتى ساھىبى بولغان ۋە بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىسى ۋېي جىڭشېڭ خىتاينىڭ توسالغۇلىرى تۈپەيلى بۇ يىغىنغا قاتنىشالمىغان ھەمدە ئۆزى مۇشۇ كۈنگە توغرىلاپ ئۇيۇشتۇرغان «تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» غىمۇ قاتنىشالمىغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، خىتاي دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتى 7-ئىيۇن كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم رەھبەرلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىدا 2017-يىلى 19-ئۆكتەبىر قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى پارلامېنت ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» جەريانىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە پارلامېنتىغا تاپشۇرغان جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىگە بىنائەن، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.