د ئۇ ق جىددىي يىغىن چاقىرىپ 6 ئايلىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى
2013.05.22

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتى جىددىي يىغىن چاقىرىپ ئالدىمىزدىكى 6 ئايلىق خىزمەت پىلانى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
18 - ماي كۈنى كەچتە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك، ئابدۇرېشىت تۇردىيېف، دىلشات رېشىت، ئۆمەر قانات، ئىلھام ماھمۇت، ئەسقەر جان ۋە ئالىم سېيىتوف قاتارلىقلاردىن باشقا، د ئۇ ق نىڭ ھەرقايسى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 28 كىشى قاتناشتى. تېلېفون يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قىلدى. ئۇ بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي. جىددىي قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 - يىللىقى كېلەي دەپ قالدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ يىغىننى چاقىرىپ بۇندىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارايلى دېدۇق. يىغىندا ئالدىمىزدا جىددىي قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە ئىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز.»
2 يېرىم سائەت داۋاملاشقان بۇ يىغىندا نوقتىلىق ھالدا 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە ۋېنگىرىيىدە چاقىرىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە ياپونىيىگە ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. تۆۋەندە يىغىننىڭ نەق مەيدان خاتىرىسىنى ئاڭلىتىمىز..