ئەرەبلەر راستىنلا دېموكراتىيەگە ھەقلىقمۇ؟
2013.04.19

ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرمۇ دېموكراتىيەدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشقا تامامەن ھەقلىق بولغان خەلقلەردۇر. ئەرەبلەرنىڭ دېموكراتىيەلىشىش يولىدا بەرگەن قۇربانلىقلىرىمۇ ئاز ئەمەس.
تەھلىلچىلەرگە كۆرە، ئەرەب دۆلەتلىرىدە دېموكراتىيە چاقىرىقى ئوتتۇرىغا چىققانغا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشمىغاننى ئاز دېگەندەك، بارلىق ھەقسىزلىقلەر ۋە دىكتاتورلۇقلار دېموكراتىيە نامى بىلەن ئەمەلگە ئېشىپ كەلدى. مەسىلەن: مىسىرنىڭ سابىق رەئىسى مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەكنىڭ پارتىيىسىنىڭ نامى «دېموكراتىيە پارتىيىسى» ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى 30 يىللىق دىكتاتورلۇق بىلەن داۋام قىلغان بولۇپ، ئاخىرى ئەرەب باھارىنىڭ شامىلى ئۇنى ئۆرۈپ تاشلىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش ھەممە دىكتاتور ئۆزىنى دېموكراتچى ۋە دېموكراتىيەنىڭ ھامىيسى دەپ دەۋا قىلىپ كەلدى. بىراق ئەرەب دۇنياسىدا پارتلىغان ئەرەب باھارى راست دېموكراتىيە بىلەن ساختا دېموكراتىيەنىڭ ئوتتۇرىسىغا چەك قويۇشنى ئۆگەتتى ۋە خەلقنىڭ كۆزىنى ئاچتى.
لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2013 - يىلى16 - ئاپرىل سانىدا، يازغۇچى ئىمادۇددىن ئەدىب دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن«ئەرەبلەر دېموكراتىيە مۇكاپاتىغا ھەقلىقمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:«ئەرەب دۇنياسى دېموكراتىيەنى قوبۇل قىلىشقا ھازىرمۇ؟ دېگەن بۇ سوئال راستتىنلا قىيىن ۋە خەتەرلىك بىر سوئالدۇر. بۇ سوئالغا ھېسسىياتتىن، ياسالما خەلقپەرۋەرلىكتىن يىراق تۇرۇپ جاۋاب بەرمەكچى بولساق دەيمەنكى، ئەرەب دۇنياسىدىكى خەلقلەر دېموكراتىيەگە بەكمۇ زور ئېھتىياجلىق بولۇۋاتماقتا. ئۇلار دېموكراتىيەگە تەلپۈنىدۇ ۋە ئۇنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ئەرەب خەلقى ھازىرغىچە دېموكراتىيە ئۈچۈن يېتەرلىك بەدەل تۆلەپ باقمىدى، دېموكراتىيەدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ ياشاۋاتقان خەلقلەر تۆلىگەن بەدەللەرنىڭ يېرىمىنىمۇ تۆلەپ باقمىدى. دۇنيادىكى تولۇق دېموكراتلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھالغا قانداق قىيىن شارائىتلارنى ۋە قۇربان بېرىشلەرنى قولدىن بېرىپ ئاندىن يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە، بىزنىڭ دېموكراتىيە يولىدا تۆلىگەن بەدەللىرىمىز ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. چۈنكى تولۇق دېموكراتىيە ئۇزۇن يىللىق تەجرىبە، مول ئىلىم ۋە كۆپ قۇربان بېرىشلەر ئارقىسىدا يېتىلگەن پەللىدۇر. ھېچقانداق بىر مىللەت بىر كۈندىلا دېموكراتچى بولۇپ قالمىغاندەك، ھېچقانداق بىر دۆلەت بىر كۈندىلا دېموكراتىيەلىشىپ كېتەلمەيدۇ. بۇنىڭغا يېتەرلىك ۋاقىت ۋە ئىزچىل ئىشلەش كېرەك.»
دېموكراتىيەمۇ بەدەل تەلەپ قىلىدۇ
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«بىز ھەمىشە دېموكراتىيەگە بەدەلسىز يېتىشنى ۋە قىسقا يول بىلەن ئۇنى قولغا ئېلىشنى ئارمان قىلىپ كەلدۇق. ئەمما رېئاللىق دېگەن شۇنداق رەھىمسىز بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ ئارمانلىرىمىزغا ۋە خام خىياللىرىمىزغا رىئايە قىلمايدۇ، بەلكى بىزدىن ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. دېموكراتىيە بىر مۇكاپات بولسا، بىز مۇكاپاتقا ئېرىشىش يولىدا بەدەل تۆلىمەستىنلا ئۇنى ئالماقچى بولۇۋاتىمىز. ھازىر ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كۆپلىرىدە دېموكراتىيە ئۈچۇن بەدەللەر تۆلىنىۋاتىدۇ. بىراق بۇ بەدەللەرنىڭ بەزىسى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى بىكارغا كېتىپ بارىدۇ. مىسىرنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر سۇلايمان ئۆز ۋاقتىدا: بىز راستتىنلا دېموكراتىيەلىشىشكە تەييارمۇ؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ، ئاندىن ئارقىدىن ئۆزى :«ياق، مىسىر دېموكراتىيەلىشىشكە تەييار ئەمەس» دېگەن ئىدى. بۇ ئادەم مۇشۇ سۆزى سەۋەبلىك خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىۋەتكەن ۋە كۆپلىگەن تەھدىتلەرگە ئۇچرىغان ئىدى. ئەگەر ئۆمەر سۇلايمان يۇقىرىقى سۆزىگە «ھازىر»دېگەن گەپنى قوشۇپ،«مىسىر دېموكراتىيەلىشىشكە ھازىر تەييار ئەمەس» دېگەن بولسا ئىدى، ئۇنىڭ سۆزى ئىنتايىن بەدىئىي ۋە توغرا سۆز بولغان بولار ئىدى، خەلقنىڭمۇ غەزىپى تاشمىغان بولار ئىدى. چۈنكى مىسىر تاقىيامەتكىچە دېموكراتىيەگە تەييار بولالمايدىغان دۆلەت ئەمەس. ھازىر مىسىردىكى ئۆزگىرىشلەر ھەقىقىي دېموكراتىيەدىن بېشارەتلەرنى بېرىپ كەلمەكتە. ئەمما مەيلى مىسىر، مەيلى باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىيە يولىدا تۆلىگەن بەدەللىرىنى تۆلەپ باقمىدى، دېموكراتىيەنىڭ قەدرىگە ئۇلار يەتكەندەك يېتىپ باقمىدى. قىسىقىسى، بۈگۈنكى ياۋروپا دۆلەتلىرى دېموكراتىيەنىڭ بەدەللىرىنى مۇندىن 500 يىل ئىلگىرى تۆلەپ بولغان ئىدى. شۇڭا ھازىر ئۇلار تۆلىمەيدۇ، بەلكى ئالىدۇ، يەنى دېموكراتىيەدىن تېگىشلىك ھەققىنى ئېلىۋاتىدۇ.»
دېموكراتىيە بىر كۈندىلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«بىز دېموكراتىيەنى ئارزۇ قىلغىنىمىز بىلەن بىزدە دېموكراتىيە ھەققىدە ساۋات يوق، باشقىلارغا يول قويۇش، چىقىشىپ ئۆتۈش، قارشى تەرەپنىڭ ھەققىنى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق دېموكراتىيە مەدەنىيەتلىرى ھەققىدە بىزدە مەلۇمات يوق. چۈنكى بىزدە نەپسانىيەتچىلىك كۈچلۈك بولغانلىقتىن، تەختكە چىققانلار ئۇنى ھېچكىمگە بەرگۈسى كەلمەيدۇ، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدا ھەققى بار دېيىشنى بىلمەيدۇ. ئاۋام خەلقىمىزدىمۇ بۇ ئاڭ يېتىلىپ بولالمىغان. ئۇلارمۇ شۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەنلىكتىن، قارشى چىقىشنى، قانۇننى ئىجرا قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇللىرىغا دادىل سۆز قىلالمايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىمىزدە، دېموكراتىيەنىڭ ئەۋزەللىكى سۆزلىنىدۇ، ئەمما دىكتاتورلۇق ھۆكۈم سۈرىدۇ، قانۇن سۆزلىنىدۇ، ئەمما ئادالەت يۈرگۈزۈلمەيدۇ، چىرىكلىككە قارشى شوئارلار توۋلىنىدۇ، ئەمما چىرىكلىك ھەممىلا ساھەدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بىز دېموكراتىيەگە مۇھتاجمىز، ئەمما بىز ئۇنىڭغا راستتىنلا ھەقلىقمۇ؟ بىزدە دېموكراتىيەگە تەييارلىق بارمۇ؟»