فىرانسۇز مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىير: باي كۆمۈركان ۋەقەسى تېررورلۇق ۋەقەسى ئەمەس

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالىسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان، فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىيىر خانىم خىتايدىن قوغلىنىشنىڭ ئالدىدا خىتايدىكى تۇرالغۇسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 26-دېكابىر، بېيجىڭ.
ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالىسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان، فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىيىر خانىم خىتايدىن قوغلىنىشنىڭ ئالدىدا خىتايدىكى تۇرالغۇسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 26-دېكابىر، بېيجىڭ.
AFP

فىرانسۇز مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىيرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ماقالىسى تۈپەيلى خىتايدىن قوغلانغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ھالبۇكى، ئەسلى ماقالە فىرانسۇز تىلىدا يېزىلغان بولغاچقا، ئىلگىرى خەۋەرلەردە خىتاينىڭ چىشىغا تەگكەن مەزمۇنلار قىسمەن كۆرسىتىلگەندىن باشقا، تولۇق يورۇتۇلماي كەلگەن ئىدى. رادىئومىز مۇخبىرى جۈمە ماقالىنىڭ مۇئەللىپى ئۇرسىلا گوتىير خانىم بىلەن ئۇنىڭ خىتاينىڭ چىشىغا تەگكەن ماقالىسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئۇرسۇلا گوتىير خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت «تېررورلۇق» ئاتالغۇسى ۋە ئۇنىڭ خىتايدا تەتبىقلىنىشى، ئۇيغۇر، خىتاي ۋەزىيىتى، گوتىير خانىمنىڭ خىتايدىن قوغلىنىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ۋەقەلەر قاتارلىق بىر نەچچە نۇقتىغا چېتىلىدۇ.

پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمى گوتىير خانىمنىڭ خىتايدىن قوغلىنىشىغا سەۋەب بولغان ماقالىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى، ئاپتور ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى توغرىسىدا بولىدۇ.

ئۇرسۇلا گوتىير فىرانسىيەدىن چىقىدىغان «لوبس» ژۇرنىلىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئىدى. ئۇنىڭ «پارىژ ھۇجۇمىدىن كېيىن خىتاي بىلدۈرگەن ھەمپىكىرلىكنىڭ غەرىزى يوشۇرۇن» ناملىق ماقالىسى ژۇرنالنىڭ 18-نويابىردىكى سانىغا بېسىلغان. ماقالىنىڭ بېسىلىشى، 13-نويابىر 130 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان «پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمى» خەلقئارا ئاخباراتىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان، ئاقسۇ بايدا يۈز بەرگەن كۆمۈركان ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمچىلاردىن 7 نەپىرىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: «13-نويابىر پارىژ ھۇجۇمى خىتايلارغا تەسىر قىلغان ئىدى. دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلارغا ئارىلاشمايدىغان ياكى ئۇلاردىن يىراق تۇرىدىغان، قىسقىسى دۇنياغا ئانچە ئىچ ئاغرىتىپ كەتمەيدىغان بىر جەمئىيەتنىڭ پارىژ ھۇجۇمىغا مۇنچە چوڭ ئورتاقلىق بىلدۈرۈشى كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.»

ئۇ يەنە ماقالىسىدە، بۇ ھەقتە توختالغان بىر دىپلوماتنىڭ ئۇنىڭ خىتايدا بۇنداق بىر ئەھۋالنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، ۋەقە يۈز بېرىپ ئەتىسىدىن باشلاپ خىتايدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە، ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدىن، «ئالىبابا» گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جەك ما، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پۇلدار ۋاڭ جيەنلىنلەرگىچە فىرانسىيە خەلقىگە ھېسداشلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغانلىقى، ھەتتا خىتايدا تۇرۇشلۇق فىرانسىيە ئەلچىخانىسى دەرۋازىسىغا گۈلچەمبىرەك ۋە قايغۇ بىلدۈرۈش دەپتەرلىرى قويۇلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئاپتور خىتايدىكى بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ھېسداشلىق بىلدۈرۈش دولقۇنىغا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ جور بولغانلىقىنى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە پرېزىدېنتى فرانسىۋا ھولانغا فىرانسىيەنىڭ «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكىنى يازىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەمپىكىرلىكلەر قارشى ئېلىشقا ئەرزىيتتى، ئەمما بۇلار يوشۇرۇن غەرەزدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىنلا خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئىككى ئاي ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ باي ناھىيىسىدە 50 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن بىر ھۇجۇمنىڭ رەھبەرلىرىنى يەنى ئاتالمىش ‹تېررورچىلار› نى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.»

ئاپتور ماقالىسىنىڭ بۇ قىسمىدا باي كۆمۈركان ھۇجۇمى بىلەن پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىپ، باي ھۇجۇمىنىڭ پارىژ ھۇجۇمىغا ئوخشاشلا قانلىق ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ ھۇجۇملارنىڭ ماھىيەت ۋە خاراكتېر جەھەتتىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاپتور مۇنداق يازىدۇ: «بۇ ھۇجۇم ئەمەلىيەتتە يەرلىك خاراكتېرگە ئىگە غەزەپنىڭ پارتلىشى بولۇپ، بۇ خىلدىكى غەزەپ ھۇجۇملىرى ئاساسلىق ئاھالىسى تۈركىي تىللىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رەھىمسىز باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان بۇ ئۆزگىچە يۇرتتا دائىم كۆرۈلۈپ تۇراتتى. باشقا چىقىش يولى قالمىغان، پالتىلار بىلەن قوراللانغان بۇ بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئىشچىلىرى خىتاي بولغان كۆمۈر كانغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇلار بەلكىم، ئۆزلىرى ئۇچرىغان خورلۇق، ئادالەتسىزلىك ۋە مەھرۇم قالدۇرۇلۇشلاردىن ئۆچ ئالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.»

ئۇرسۇلانىڭ مەزكۇر ماقالىسى خىتاينى قاتتىق نارازى قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ 2-دېكابىر ئۇرسۇلا گوتىيىرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئۇنى تەنقىدلىگەن.

ئۇرسۇلا گوتىير 4-دېكابىر فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇنىڭدىن يۇقىرىدىكى ماقالىسى سەۋەبلىك جامائەت ئالدىدا كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇنىڭ ۋىزىسىنى يېڭىلاپ بەرمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان.

دەرۋەقە گوتىير خانىم خىتايدىن ئەپۇ سوراشنى رەت قىلغان كېيىن، ئۇنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىق كىنىشكىسى يېڭىلانمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 31-دېكابىر خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى بوب دىيتىز ئەپەندىمۇ ئۇرسۇلا گوتىيىرنىڭ خىتايدىن قوغلىنىشىنى ئۇنىڭ خىتايدىن ئەپۇ سوراشنى رەت قىلغانلىقى بىلەن باغلايدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ يازغان ماقالىسى ئۈچۈن خىتايدىن ئەپۇ سورىماسلىقى، ئۇنىڭ خىتايدىن قوغلىنىشىغا سەۋەب بولدى. مەنچە خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپىنچىسىدە يۈز بېرىۋاتقان ھۇجۇم ۋە تەھدىتلەرگە تۈپتىن ئوخشايدىغان، ياكى ئاساسەن ئوخشايدىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا قولىدىن كېلىدىغان بارلىق چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ دۇنيانى ئىشەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. گوتىير خانىم خىتايدىن مەجبۇرىي ئايرىلىشتىن ئىلگىرى خىتاي ئاخباراتىدا ئۇنىڭغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئۇنىڭ يازمىلىرىنى قانچىلىك ئېغىر ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

ئامېرىكىدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ گوتىير خانىمنى خىتايدىن قوغلىشىدىكى ئاسىي سەۋەب بولسا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلارنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىشىنى خالىمايدىغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە شۇ. چۈنكى خىتاي ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئاخباراتىدىن باشقا ھەرقانداق بىر ئاخباراتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە سوئال قويۇشىغا يول قويمايدۇ. ئۇرسۇلانى قوغلاشتىكى تۈپكى سەۋەب بولسا، خىتاي ‹ ھېچ قايسىڭ بۇنداق سوئال سورىمايسەن. ئەگەر سورايدىكەنسەن، مەن سېنىڭ خىتايدا تۇرۇپ مۇخبىرلىق قىلىشىڭغا يول قويمايمەن› دېمەكچى. خىتاي شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىرىنىلا كونترول قىلىپ قالماستىن، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىمۇ ئۆزىنىڭ كونترولى ئاستىغا كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت.»

ئۇرسۇلا خانىم ئۆز يازغان ماقالىسى ئۈچۈن ئەپۇ سوراشنى رەت قىلىپ خىتايدىن قوغلىنىپ ئۈچ ئاي بولاي دېگەندە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ، خىتايدىن نېمە ئۈچۈن ئەپۇ سورىمىغانلىقىنىڭ سەۋەبنى ئۆزىنىڭ ئېغزىدىن ئاڭلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇرسىلا خانىم خىتايدىن ئەپۇ سورىماسلىقىنىڭ ئاساسى بارلىقىنى، باي كۆمۈر كان ۋەقەسىنى «قانلىق ۋەقە» دەپ ئاتاشقا بولسىمۇ، «تېررورلۇق ۋەقەسى» دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئەگەر بۇ بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى بولغان بولسا، ھۇجۇم شەھەردىن تولىمۇ يىراقتىكى بىر خىلۋەت جايدا ئەمەس، بەلكى چوقۇم ئىنتايىن مەركىزىي بىر ئورۇندا ئېلىپ بېرىلغان بولاتتى. تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇش ئۈچۈن، ئۇ ئۇنى ئاڭلىغان كىشىلەرگە چوڭ تەسىر قالدۇرىدىغان بولۇشى شەرت. بۇ ھۇجۇمنى قىلغان كىشىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى خەۋەرنى كونترول قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھېچكىمنىڭ بۇ ھۇجۇمدىن خەۋەر تاپالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش مۇددىئاسى ئىپادىلەنمىگەن. مەن ئۈچۈن ئۇ بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ئەمەس. ئۇ بىر قانلىق ھۇجۇم، بىر قاتىللىق، ياكى قەتلىئام. نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇنى ھەرگىزمۇ بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى دېيىشكە بولمايدۇ.»

ئۆتكەن يىلى 18-سېنتەبىر ئاقسۇ بايدىكى بىر كۆمۈركانىدا ھۇجۇم قىلىش ۋەقە يۈز بېرىپ، 9 نەپەر خىتاي ساقچىسى ۋە كۆمۈركاندىكى خىتاي ئىشچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 كە يېقىن ئادەم ئۆلگەن، ياكى يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

دائىرىلەر مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەر رادىئومىزدا ئاشكارىلانغۇچە، ۋەقەنى سىر تۇتقان ۋە شۇ يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرى ۋەقەگە ئالاقىدارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 28 ئاتالمىش «تېررورچى» ئۆلتۈرۈلگەنلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن، ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تەن ئالغان ئىدى.

ھالبۇكى، دائىرىلەر ھۇجۇمچىلار بىلەن قېچىپ يۈرگەنلەر ئارىسىدا 7 نەپەر ئايال ۋە كىچىك بالىلارنىڭ بارلىقىنى ئاخباراتتىن يوشۇرغان.

يۇقىرىقى نۇقتىلارنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ باي ھۇجۇمىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇرسۇلا گوتىير ماقالىسىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تونۇشنى رەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ۋە مۇنداق يازىدۇ: «يېقىندىن بۇيان شىنجاڭدا كۆپلەپ يۈر بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ھېچقاچان خەلقئارا جىھادىي تەشكىلاتلارنىڭ قىلمىشى ئەمەس.»

ئۇ يۇقىرىدىكى قاراشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ماقالە پارىژ ھۇجۇمىدىن كېيىن يېزىلغان بىر مۇھاكىمە ماقالىسى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى پارىژ ھۇجۇمىدىن كېيىن، ‹بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىمىز› دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ فىرانسىيە خەلقىگە ئوپمۇ-ئوخشاش ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقان ئىدى. مەن بۇنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. چۈنكى رېئاللىق ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ئۇلار بايدا يۈز بەرگەن كونكرېتنى بىر ۋەقەنى مىسال قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ خەلقئارا جىھادىي ھەرىكىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن بىلىشىمىزچە، ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى ئايغىچە خىتاي ۋەقە ھەققىدە لام-جىم دېمىگەن، ياكى ۋەقەنى تىلغا ئالمىغان. ئەگەر ئۇ راستىنىلا بىر جىھادىي ھەرىكەت بولسا، ئۇ نېمىشقا دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بۇنى ئاشكارىلىمايدۇ؟»

ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئوخشاشلا بىر نارازىلىق ھەرىكىتى خالاس. بۇلار ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا خىتاي بۇلارنى سىياسىي سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئۇرۇنغان.

ئۇنداقتا ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشى قاچاندىن باشلانغان، ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە يېزىپ خىتايدىن ھەيدەلگىنىگە پۇشايمان قىلامدۇ يوق؟ ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ھاياتى قانداق؟ بۇ ھەقتىكى سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قىزىقسىڭىز، ئۇرسۇلا گوتىير خانىم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتىمىزگە دىققەت بەرگەيسىز. سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتى كېلەر ھەپتە ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت