خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى تارقاتقان مەخپىي ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىشىدىن ئەندىشىگە چۈشتى
2013.09.26
ئۈرۈمچىدىكى بىر ئاھالىلەر كومىتېتى 5-ئىيۇل غايىبلىرىدىن ئالىم ھېلاجى ئائىلىسىگە ئۆي ئىجارە بەرمەسلىك ھەققىدە مەخپىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ھېلاجى ئائىلىسىدىن مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ كوپىيىسىنى تور ئارقىلىق ئۆزىگە يوللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇ تەلەپنى ھېلاجى ئائىلىسى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلغان ئىدى. شۇ كۈننىڭ ئەتىسى ساقچىلار ھېلاجى ئائىلىسىگە ئۈسۈپ كىرىپ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە ئەگەر بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىسا، ھېلاجىنىڭ ئائىلە بويىچە تۈرمىدە ياتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان. ھېلاجى ئائىلىسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى تىلغا ئېلىپ، ساقچىلار بىلەن قەتئىي پوزىتسىيىدە زاكونلاشقان.
مۇخبىر: قايسى كۈنى سۆزلەشكەن ۋاقتىمىزدا، قولۇڭلاردىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ كوپىيىسىنى ماڭا يوللاپ بەرمەكچى بولغانتىڭلارغۇ؟
قۇربانگۈل: ئۇنىڭغا يول قويمىدى. ئەتىگەندىلا ۋەلى سوجاڭ (باخۇلىياڭ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى) كىرىپتۇ، قولۇڭلاردىكى ئۇقتۇرۇشنى يوللىماڭلار، يوللىساڭلار ئائىلە بويىچە تۈرمىگە سولايمىز دەپ.
مۇخبىر: سىلەر نېمە دېدىڭلار؟
قۇربانگۈل: بۇ ئۇقتۇرۇش سەۋەبلىك ئۆيسىز قالدۇق، ئىشسىز قالدۇق، بۇنى كىم سورىسا شۇنىڭغا يوللايمىز دېدۇق.
مۇخبىر: ساقچىخانا باشلىقى بۇنى ئۆز ساقچىخانىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى دەپ يەتكۈزدىمۇ ياكى شەھەرلىك ساقچىنىڭ بۇيرۇقى دەپ ئۇقتۇردىمۇ؟
قۇربانگۈل: ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ئىدارىسى شۇنداق بۇيرۇق قىپتۇ، «ئەگەر ئۇقتۇرۇشنى يوللىسا، ئائىلىسى بويىچە تۈرمىگە سولا» دەپ، بىزگە شۇنداق دېدى «يوللىساڭلار بېشىڭلارغا ئاۋارىچىلىك تېپىۋالىسىلەر» دېدى.
مۇخبىر: سىلەر يامان بولغاندىن كېيىن، قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ قانۇن ئورگىنى بولغاندىكىن، مۇشۇنچىلىك بىر ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن نېمىشقا قورقىسىلەر دەپ سوراپ باقمىدىڭلارمۇ؟
قۇربانگۈل: ئۇنىمۇ سورىدۇق، بۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي تۇرۇۋالدى.
مۇخبىر: ئۇنداق بولسا، بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇڭلار دەپ تەلەپ قويمىدىڭلارمۇ؟
قۇربانگۈل: دېدۇق، ئەمىسە ئاۋۋال بۇ ئاشكارىلانسا بولمايدىغان ئۇقتۇرۇشنى چىقارغان ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى مەمەت ھوشۇرنى سوراق قىلىڭلار، ئۇنى جازالاڭلار دەپ.
مۇخبىر: مەمەت ھوشۇر كىمكەن؟
قۇربانگۈل: شۇ ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقان نەنۋەن ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.
مۇخبىر: ئۇقتۇرۇشنى شۇنىڭ چىقارغانلىقى ئېنىق بولدىمۇ؟
قۇربانگۈل: ئېنىق، شۇ چىقىرىپتۇ، مىنبىڭ دەپ ئاتالغان 6 يانچۇقچى ئۇنى ئۆيمۇ ئۆي تارقىتىپتۇ. بۇ ئىشلارنى (يولدىشىم) ھېلاجىدىن سوراپ بېقىڭ.
مۇخبىر: ھېلاجى، بۇ ئىككىمىز سۆزلەشكەندىن كېيىن، سىزگە يەنە ئۈستىلەپ ئاۋارىچىلىك بولدىمۇ، بىلىپ باقاي دەپ تېلېفون قىلىشىم.
ھېلاجى: بۇ ئۇقتۇرۇشنى يوللىما دەپ تەھدىت سالغىدىن باشقا ئاۋارىچىلىك بولمىدى.
مۇخبىر: ئۇقتۇرۇش قولىڭىزدا بارمۇ، ئاچىقىپ كەتتىمۇ؟
ھېلاجى: ئېلىپ كەتتى.
مۇخبىر: بۇنى يوللىشىمىزنىڭ نېرى خاتا دەپ سوراپ باقمىدىڭىزمۇ؟
ھېلاجى: سورۇدۇم، بۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت ماتېرىيال يوللىساڭ بولمايدۇ دېدى. مەن دۆلەتنىڭ پۇقراسىغۇ، مېنىڭ ياشاش ھوقۇقۇم يوقمۇ، نېمىشقا ماڭا بۇنداق زىيانكەشلىك قىلغانلارنى جازالىمايسىلەر دېسەم، بۇ مەسىلە تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ دەيدۇ.
مۇخبىر: تەكشۈرىلىۋاتقىنى، غايىب ئوغلىڭىزنىڭ ئىشىمۇ ياكى بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئىشىمىكەن.
ھېلاجى: مۇشۇ ئۇقتۇرۇش چىقارغان مەمەت ھوشۇر تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، دېدى.
مۇخبىر: بۇ مەمەت ھوشۇر، شۇ ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بىرىنچى باشلىغۇ؟
ھېلاجى: ياق، ئۇنىڭ ئۈستىدە خەنزۇ سېكرېتار بار.
مۇخبىر: خەنزۇ سېكرېتار مۇشۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىزمىدۇ؟
ھېلاجى: بۇ مەخپىي ئۇقتۇرۇشنىڭ ئىشىدىن، ئاھالىلەر كومىتېتلا ئەمەس، شەھەرلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقىدار باشلىقلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ.
مۇخبىر: ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقان ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تەكشۈرىلىۋاتقىنى راستمىدۇ؟
ھېلاجى: بۇسى ماڭا مەلۇم ئەمەس، مەن يەنىلا ئۆي ئىزدەش بىلەن ئاۋارە.
يۇقىرىدا ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرى تارقاتقان مەخپىي ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىشىدىن ئەندىشىگە چۈشكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق.