ياپونىيەدە 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەنمەكتە
2016.02.10

1997-يىللىدىكى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.
2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاتاقلىق تېببىي پەنلەر دوكتورى، ناگاساكى دۆلەتلىك داۋالاش مەركىزىنىڭ دوختۇرى ئىۋاناگاكى ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرىنىڭ تور بېتىدە 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ مەزكۇر ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەسلىدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت 5-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2009-يىلى 7-فېۋرال ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن تا ھازىرغا قەدەر بولغان بۇ ھەقتىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئەسلەپ ئۆتتى.
توكيودا ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا قۇرۇلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى 7-فېۋرال كۈنى توكيو شىنجۇكۇدىكى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ بارغان.
مەزكۇر يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى غالىپ مىجىت بۇ ھەقتە توختالدى.
پائالىيەتتە سۆز قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى گۈلىستان 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى ئەسلىگىنىدە ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئازابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ياپونلاردىن ساتو ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخىي خىتاي مىللىتىدىن تولىمۇ پەرقلىق بولغان مىللەت. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ئاجايىپ ئالەمشۇمۇل بۈيۈك مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان. شۇڭا ئۇلار ھەمىشە ئۆز كىملىكىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ» دېدى.
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام ماھمۇتتىن ئىگىلىشىمىزچە، 21-فېۋرال توكيودا يەنە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.