نامايىشچىلار گوللاندىيەدىكى خىتاي باش ئەلچىسىگە تەلەپ خېتى سۇندى

ئىختىيارى مۇخبىرمىز پىدائىي
2014.06.12
gollandiye-namayish-xitay-elchixanisi-aldida.jpg نامايىشچىلار خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى ۋە خىتاي باش ئەلچىسىگە تەلەپ خېتى سۇندى. 2014-يىلى 10-ئىيۇن، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

10‏-ئىيۇن گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گوللاندىيەنىڭ سىياسىي پايتەختى دەنھاختا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى. نامايىش شۇ يەر ۋاقتى 12دىن 14كېچە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا، 14دىن 16‏-غىچە خىتاي كونسۇلخانا ئالدىدا جەمئىي 4 سائەت داۋام قىلغان.

نامايىشچىلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى ۋە لوزۇنكىلىرى بىلەن جاراڭلىق شوئارلىرى ئارىسىدا، خىتايلارنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بېرى ئېغىرلاپ كېتىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىشتەك ھەقلىق دەۋالىرىنى ئاڭلاتتى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام نىياز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر نامايىش د ئۇ ق نىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئوخشاش بىر كۈندە نامايىش تەشكىللەش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار پارلامېنت بىناسى ئالدىدىن، خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىغىچە 3 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىدە، پىيادە يۈرۈش قىلغان ۋە تۈرلۈك تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تارقاتقان.

نامايىشچىلار بۇ قېتىمقى نامايىشتا يەنە خىتاي باش ئەلچىسىگە بىر پارچە تەلەپ خېتى سۇنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ناھەق تۇتۇلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاتالمىش ئەيىبنامىلىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىش، تېررورلۇق قالپىقى كەيدۈرۈلگەنلەرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىسپاتلاش، ھۆكۈمگە بۇيرۇلغانلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىش ۋە بارلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىپ، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش... دېگەندەك مەزمۇنلار تەلەپ قىلىنغان.

تېلېفون زىيارىتىمىزگە داخىل بولغانلار، ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.