ئۇيغۇرلار ئامستېردامدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوغۇزخان
2017.12.18
gollandiye-2017-namayish-1.jpg ئامستېردامدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 17-دېكابىر، گوللاندىيە.
RFA/Oghuzxan

2017-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، يەنى يەكشەنبە كۈنى گوللاندىيە ۋاقتى سائەت 12 دىن سائەت 2 گىچە گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردام شەھىرىدە، گوللاندىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتىدىن ۋە گوللاندىيە ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن 100 كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نامايىش خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە، ئاسسىمىلاتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نامايىش ئامستېردامدىكى گوللاندىيەلىك دوستلار ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن گوللاندىيەگە ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچى ئاممىنىڭ ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ھەم ئۇلار بۇ نامايىشقا ئېلىپ كېلىنگەن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەرنى بىر بىرلەپ كۆرۈپ چىقىشتى.

بىز بۇ نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئاكتىپ پائالىيەتچى ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندىنى بۇ نامايىش توغسىسىدا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندى ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى :«بىز گوللاندىيەدە داۋاملىق نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، لېكىن نامايىشقا كەلگەنلەرنىڭ سانى بەك ئاز، ئاندىن نامايىشچىلارنىڭ كەيپىياتى بەكلا سۇس بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز نامايىشنى جانلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن گوللاندىيەلىك ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىر قانچىمىز تەشكىللىنىپ 100 كىشىلىك نامايىش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدۇق، شۇنداقلا گوللاندىيەدىكى كۆپ سانلىق ياشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن بۈگۈن بۇ يەردە كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتۇق».

زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە بۈگۈنكى نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى بولغان ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇسالام ئەپەندى: «بىزنىڭ بۇ نامايىشنى تەشكىللەشتىكى مەقسىتىمىز خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى، ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ياۋروپا خەلقىگە تەپسىلىي ئاڭلىتىش» دېدى.

بىز يەنە نامايىشقا جاسارەت كۆرسىتىپ، بۇ نامايىشقا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان ئىلشات ئەپەندىنى زىيارىتىمىزگە تەكلىپ قىلدۇق. ئىلشات ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىزدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمى كۈچىيىپ، ئۇرۇق تۇغقانلىرىمىز بىلەن تېلېفوندىمۇ پاراڭلىشالمايۋاتىمىز، نورمال بىر ئائىلىدىمۇ بىر ئىككى كىشى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كېتىلىۋاتىدۇ، بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان بۇ زۇلۇملىرىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بۇ نامايىشنى تەشكىللىدۇق».

زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇغېنى سابىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈم بىر شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاي كوممۇنىست تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بولسا ياشاش يولىنىڭ قالمىغانلىقى شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قولىمىزدىن كېلىشىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارىتا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قىلچە قورقۇپ قالمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بۇ نامايىشقا قاتناشتىم».

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 2000 ئەتراپىدا بولۇپ، 6-7 يۈز ئائىلىلىك ئۇيغۇر ياشايدىكەن. گوللاندىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچىلەردىن ھۈسەيىن تەجەللى، ئابدۇسالام، ۋە ئىلشات ئەپەندىلەر بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ تاراتقۇلاردا ئالاھىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، گوللاندىيەدىكى ياشلارنىڭ ئالاھىدە قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن بۇ 100 كىشىلىك نامايىش تەشكىللەنگەن. گوللاندىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى ئەيسا قارى ئەپەندىنىڭ خاتىرىلىشىچە، بۇ 100 كىشىلىك نامايىش گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى نامايىشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.