ئابابەكرى قاسىم، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن پالاۋ قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى تېزرەك ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
2013.02.18
2009-يىلى گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ، تىنچ ئوكياندىكى پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن ئادىل نۇرى بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئاۋۋال ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. بىراق پالاۋ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن پەقەت بىر قانچە كۈن ئاۋۋال خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئادىل نۇرىنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكى ھازىرغا قەدەر مەجھۇل. ئادىلنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرگەن بولساقمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئالبانىيىدە تۇرۇشلۇق ئابابەكرى قاسىم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، ئادىل نۇرىنىڭ ئەھۋالىدىن داۋاملىق خەۋەر يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن پالاۋ قاتارلىق ئەللەردىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تېزرەك ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.