لاگېرغا تاشلانغان چەتئەل پۇقراسى: گۈلباھار جېلىلوۋا لاگېردا كۆرگەن قارا كۈنلەر (4)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.01.16
Gulbahar-Jelilova-Jililova.jpg خىتاينىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلىرىدىكى تۈرلۈك قىيناشلارغا شاھىت بولغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم.
Gülbahar Jélilowa xanim özi teminligen

گۈلباھار جېلىلوۋا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم داڭلىق شەخسلەر بىلەنمۇ بىر كامېرىدا ياتقان

لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان قازاقىستانلىق شاھىت گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ 2017-يىلى-5 ئايدىن، 2018-يىلى 9-ئايغىچە بولغان 15 ئاي لاگېر ھاياتىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بەزى ئادۋوكات، يازغۇچى، تېلېۋىزىيە دىكتورى، دوختۇر ۋە ئىگىلىك تىكلىگەن بەزى ئۇيغۇر ئاياللار بىلەنمۇ كامېرداش بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۈرمە دوختۇرخانىسىدا بولسا بەزى كېسەل تۇتقۇنلارنىڭ ئۇخلىتىشقا ئېلىپ كېتىلىپ ئىككىنچى قايتىپ كىرمىگەنلىكىگە شاھىت بولغان. ئۇنىڭ كامېرداشلىرىدىن ئاڭلىشىچە، بۇ ئۇخلىتىش ئادەتتىكى ئۇخلىتىش بولماستىن، ئۇلارغا ئوكۇل ئۇرۇپ ئۇخلىتىش ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشتىن دېرەك بېرىدىكەن.

تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ شاھىت گۈلباھار جېلىلوۋا بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىنىڭ داۋامىدىن ئاڭلايلى.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تىجارەتچى گۈلباھار جېلىلوۋا ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، چەتئەل پۇقراسى بولغىنىغا قارىماي 15 ئاي لاگېرغا قامالغان ۋە ئۇنىڭدىن چىقالىغان شاھىتلارنىڭ بىرى. ئۇ تۇتقۇنلارنىڭ كۆپلۈكىدىن لاگېر ئورنىدا قوللىنىلىۋاتقان ئۈرۈمچىدىكى 3-، ۋە 2-تۈرمىلەردە ھەم تۈرمىلەر رايونىدىكى تۈرمە مەركىزى دوختۇرخانىسىدا مەھبۇسلۇق ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن.

گۈلباھارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، 2017-يىلى-5 ئايدا ئۇ تۇتۇلغان ۋاقىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىنىنىڭ ئالدىدا، بىخەتەرلىك باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى سەۋەبسىز تۇتۇشنى كۈچەيتكەن مەزگىلىگە توغرا كەلگەن. ئۇ، ساقچىلاردىن «يۇقىرىنىڭ يىغىن ئالدىدا ئۈرۈمچىدىن 160 مىڭ ئادەمنى تۇتۇپ سولايسىلەر دېگەن سان چۈشتى» دېيىشكەنلىرىنى ئاڭلىغان ئىكەن. دەرۋەقە ئۇزۇن قالماي، ئۇ ياتقان تۈرمە كامېرى ئۆزىگە ئوخشاش ھېچ بىر جىنايىتى بولمىغان ھەر خىل گۇمان ۋە تۆھمەتلەر بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن ھەر خىل سەۋىيە، ئوخشىمىغان سالاھىيەتكە ئىگە ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن توشۇپ كەتكەن. گاھىدا 30، گاھىدا 40 ئادەم بىر كامېردا ياتقان.

كامېرداشلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ساناپ كېلىپ، بەزىلىرىنىڭكىنى ئېسىگە ئالالمىغان گۈلباھار: «ئوخشىمىغان كامېرلاردا ئوخشىمىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىم بىلەن بىللە ياتتىم، ئۇلار بىلەن قېرىنداشلىرىمدىنمۇ يېقىن بولۇپ كەتتۇق، ئۇلارنى يازسام 10 لاپ كىتاب پۈتىدۇ. . .» دەيدۇ.

گۈلباھار ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ لاگېر سۈپىتىدە قوللانغان ئەسلىدىكى ئەرلەر 3-تۈرمىسىدە ھەتتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خېلى ئىناۋىتى بار، كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەردىن داڭلىق ئادۋوكات، يازغۇچى 43 ياشلىق گۈلباھار ئەزىز، تېلېۋىزىيە دىكتورى 53 ياشلىق جەمىلە قاتارلىقلار بىلەنمۇ بىر كامېردا ياتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر تۈرلۈك گۇمانلار بىلەن قارا قويۇق قامالغان ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ زۇلمەتلىك تۈرمىدە بىر ھەتتا ئىككى يىلدىن بۇيان يېتىۋاتقانلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ھەر تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان. بەزىلىرى تۇيۇقسىز ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەندىن كېيىن قايتىپ كەلمىگەن.

تىجارەت ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغاندا تۇيۇقسىز تۇتقۇنغا ئۇچراپ لاگېرغا تاشلانغان چەتئەل پۇقراسى گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ لاگېرنىڭ ئىچكى سىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋە ئۇچۇرلىرى ئىچىدە، ھازىرغا قەدەر رادىيومىزغا مەلۇمات بەرگۈچىلەر تىلغا ئېلىپ باقمىغان بىر نۇقتا بار. يەنى، گۈلباھار خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە جازا لاگېرى ئورنىدا تۇتقۇنلارنى سولىغان تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىن باشقا، تۈرمىلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن ئېغىر بىمارلارنى سولايدىغان تۈرمە دوختۇرخانىسىدىمۇ قورقۇنچلۇق بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ بۇ قاباھەتلىك جايدا بەزىلەرنىڭ ئۇخلىتىشقا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرگەن. تۈرمىنىڭ بۇ كېسەلخانىسىدا ئۇزاقراق ياتقانلارنىڭ گۈلباھارغا قەيت قىلىشىچە بۇ «ئۇخلىتىش» ئادەتتىكى ئۇخلىتىش بولماستىن، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇخلىتىۋېتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. يەنى بۇ بەزى بىمارلارغا تۈرمە دوختۇرخانىسىنىڭ ئۆزىدىلا ئوكۇل ئۇرۇپ ئۇخلىتىش ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەن.

قاتتىق سوراق ۋە ئېغىر زۇلۇملارغا ئۇچرىغان گۈلباھار، قېرى-ياش ھەممە ئاياللارنىڭ داۋاملىق تۇيۇقسىز قىپ-يالىڭاچ قىلىنىپ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ: «كامېردىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈندە ساقچىلار كامېردىكىلەرنىڭ ھەممىمىزنى يالىڭاچلاپ تەكشۈردى ھازىرمۇ ئۇ مەنزىرە كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ، ھازىرمۇ ئېغىر خورلۇق ۋە نومۇس ھېس قىلىمەن. . .» دەيدۇ.

شاھىت گۈلباھار جېلىلوۋا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا ئۇ بىزگە، ئۆزىنىڭ «لاگېردا مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن» دەپ ھاياتتىنمۇ ئۈمىدىنى ئۈزگىنىدە تۇيۇقسىز قۇيۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە شۇ كۈندىكى كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.