گۇما ناھىيىسىنىڭ دۇۋا بازىرىدا رامىزان ھارپىسىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.06.20
2015.06.20

ئالدىنقى كۈنى تارقالغان خىتايچە بىر ئۈندىدار ئۇچۇرىدا گۇما ناھىيىسىدە ۋەقە چىققانلىقى ۋە ۋەقەدە 10 نەچچە كىشى ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن بۈگۈن گۇما تەۋەلكىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ ۋەقە ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىملىرى ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى،
ساقچى خادىملىرىنىڭ رەت جاۋابلىرىدىن ۋەقەنىڭ رامىزاندىن بىر ھەپتە بۇرۇن يەنى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گۇما ناھىيىسىنىڭ دۇۋا بازىرىدا يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.