«ھالال چوشقا يېغى» مەھسۇلاتى ئۇچۇرىنى تورغا چاپلاپ قولغا ئېلىنغان 18-19 ياشلاردىكى 2 ئۇيغۇر بالىسىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ئەخمەت، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى نامەلۇم.
د ئۇ ق نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى ئۇيغۇر بالا ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق دۆلەت ئامانلىق ئورگانلىرى تەرىپىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقاتقان» دەپ قولغا ئېلىنغان.
خەۋەردە، بالىلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھارام قىلىنغان چوشقا يېغىغا «ھالال» دەپ خەت يېزىپ بازارغا سېلىنغان بىر مەھسۇلاتنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز ئۈرۈمچى ۋە سايباغ رايونىدىكى ساقچى ۋە ئامانلىق ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئىككى ياشنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، ئەمما دائىرىلەر سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك توردىكى نامۇۋاپىق ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىش مەركىزىگە تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر ئورۇننىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى، «ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ئۇچۇرلارنى تورغا چاپلىماسلىق كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز نامۇۋاپىق ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىش مەركىزى، بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز زوراۋان تېررورلۇق، ئەسەبىيلىككە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كۆزىتىش. سىز دەۋاتقان مەسىلىدە ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ-خىلاپ ئەمەسلىكىگە قارىلىدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ چوشقا گۆشى يېمەيدىغانلىقى، چوشقا يېغى ئىستېمال قىلمايدىغانلىقىغا كەلسەك، سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇ نەرسىنى تورغا چاپلىماڭ. ئەڭ ياخشىسى چاپلىمىغىنىڭىز تۈزۈك. چۈنكى، بۇ مەسىلە دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىگە ياتىدۇ. بۇ نىسبەتەن سەزگۈر ئۇچۇر، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنى تارقاتماسلىق كېرەك.»
ئەمما ئىككى ئۇيغۇرنىڭ «ھالال چوشقا يېغى» ئۇچۇرىنى تورغا چاپلاش سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، چوشقا يېغىنى «ھالال» دەپ سېتىش بىر بىمەنىلىك. بۇ ۋەقە «شەرقىي تۈركىستان»دا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق بىر بىمەنىلىكنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىلشات ھەسەن مۇنداق دېدى: «بۇنى ئىشلىگەن زاۋۇت جازالانماي، ئىككى ئۇيغۇرنى جازالىغانلىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېگەندە، ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇنداق بىر بىمەنىلىكنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. (ئەسلى) بۇ خاتا نەرسە. ئىككى ئۇيغۇر ياش بۇ خاتا نەرسىنى 'ماۋۇ خاتا، بۇ قانداق بولغىنى' دېگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىپ، ئاۋۇ بىمەنىلىكنى، تەتۈر تەشۋىقاتنى قىلغان ئادەملەر ھېچقانداق جازاغا ئۇچرىماي، يەنە ئۆزىنى بىلگەن سەنىمىگە ئۇسۇل ئويناپ يۈرىدۇ. بۇ دېمەك، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ باستۇرۇشى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە، بۇ دەرىجىدە نەگە باردى دېسە، بىنورمال نەرسىنى تەنقىد قىلىشقىمۇ بولمايدۇ، ئۇنى بىمەنىكەن، دەپ خەقلەرگە كۆرسىتىپ بېرىشكە بولمايدۇ.»
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، بۇ ۋەقە ئۇيغۇر رايونىدا تور ۋە پىكرى ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش چېكىگە يەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىرادىسىگە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلشات ھەسەن: «خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا مۈجمەل تېررورلۇق دېگەن، مەيلى ئۇ تور تېررورلۇقى بولسۇن، تەشۋىقات تېررورلۇقى بولسۇن، مۇشۇنداق نەرسىلەردە تېررورلۇق دېگەن بۇ قالپاقنى ناھايىتى مۈجمەل قويۇپ بېرىش ئارقىلىق نېمە قىلدى دېگەندە، شۇ يەردىكى يەرلىك ئەمەلدارلار كىمنى قانداق جازالايمەن دېسە، شۇلارنىڭ ئىرادىسىگە ئەركىن قويۇۋەتتى. شۇڭا، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ تېلېفونىدىن بىر نەرسە چىقىپ قالسا، شۇنى تۇتقان. شۇ خىتاينىڭ ئەمەلدارى ساقچى بولسۇن، يېزىنىڭ ئەمەلدارى بولسۇن ياكى گۇرۇپپا باشلىقى بولسۇن، شۇنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن شۇ ئادەم تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭدا ھېچقانداق بىر چەك ياكى مۇنداق بىر ئېنىقلىما، سىزىق دېگەن نەرسە يوق. مۇنداق دېگەندە ئۇيغۇرنى باستۇرۇشنى ئۇلارنىڭ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەردى» دېدى.
ئەگەر بۇ ئۇچۇر ئۇنچىلىك سەزگۈر بولسا، دائىرىلەر نېمە ئۈچۈن بۇ شىركەتنى توسۇشنىڭ ئورنىغا بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىدۇ؟ بۇ سوئالنى يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك توردىكى نامۇۋاپىق ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىش مەركىزىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمىدىن سورىدۇق. لېكىن ئۇ بۇ سوئالىمىزغا «بۇنى چۈشەندۈرۈش قۇلايسىز» دەپ جاۋاب بەردى.
نۆۋەتچى خادىم مۇنداق دېدى: «ھازىر بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى بىر ئاز ئالاھىدە. بۇنداق ئۇچۇرلارنى تارقىتىش جىددىيلىك پەيدا قىلىدۇ. ئەمدى زاۋۇتقا گەپ قىلماي، بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش مەسىلىسىدە، بۇ ئىشنى مەنمۇ تازا بىلىپ كەتمەيمەن. ئىشقىلىپ، بۇنى بىزنىڭ چۈشەندۈرۈپ كېتىشىمىز قۇلايسىز. بىزنىڭ بۇ يە
دە بىز كەلگەن ئۇچۇرلارنى يۇقىرىقىغا يەتكۈزىمىز. بىزنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشىمىز قۇلايسىز.»
ئىككى ئۇيغۇر ياش توردا تارقاتقان رەسىملىك ئۇچۇردىكى مەھسۇلاتنىڭ سىرتىغا «يۈخاڭ» «ساپ چوشقا يېغى» دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئۇنى خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى ئىقتىسادى تەرەققىيات رايونىدىكى بىر يېمەك پىششىقلاپ ئىشلەپچىرىقىش چەكلىك شىركىتى بازارغا سالغان.
بىز مەزكۇر شىركەت ۋە ئۇنىڭ سودا ۋاكالەتچىلىرىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.