كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا ھىجاپقا قول ئۇزاتقان خىتاي سېكرىتار، ھىجاپلانغان قىزنىڭ ئاكىسىدىن دەككىسىنى يېگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014-12-18
Share
Uyghur-ayallar-kiyinishi-romal-chumbel-yaghliq-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo


ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ سىيەك يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى يەن چىگاڭ، موتوسىكلىتتا يولدىشىنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ كىتىۋاتقان بىر ھىجابلانغان ئايالنىڭ ئالدىنى توسقان؛ ئايالنىڭ يولدىشى سېكرىتارنىڭ توسۇشىغا قارىماي يولىنى داۋام قىلغان، سېكرىتار ئاپتوموبىلى بىلەن موتوسىكلىتقا مىنگىشىپ كېتىۋاتقان ئايالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغان. ھىجاپلانغان ئايال ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە سېكرىتار ئارقىسىدىن يېتىشىپ كېلىپ ئۇنىڭ بېشىدىكى لېچەككە قول ئۇزاتقان؛ دەل بۇ چاغدا ئايالنىڭ ئاكىسى ئابلىز ئوبۇلھەسەن ئۆيىدىن ئېتىلىپ چىقىپ سېكرىتارنىڭ يانپىشىغا بىرنى تەپكەن؛ سېكرىتار ئابلىز ئوبۇلھەسەننىڭ يېنىدا پالتىمۇ بارلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن قورققىنىدىن ھۇشىدىن كەتكەن. 15 مىنۇتنىڭ ئىچىدە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى خىتاي سېكرىتارنى دوختۇرخانىغا، ئابلىز ئوبۇلھەسەن ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى بۈۋىنىياز ئوبۇلھەسەننى قاماقخانىغا ئېلىپ ماڭغان.

بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى، نەق ۋەقە يۈز بەرگەن كەنت سېكرىتارىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي يېڭى دىنىي چەكلىمىلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بۇ تۈزۈمنىڭ ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىش ۋە كەسكىنلەشتۈرۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بىز بىرقانچە كۈندىن بېرى خەۋەر قىلىۋاتقان ۋەقەلەر، خوتەننىڭ پەقەت چەت بىر يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بولۇپ، بۇ ئەھۋال، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەزكۇر پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت