ئۇيغۇر دىيارىدىكى 2 يېرىم مىليون كىشىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى پۈتۈنلەي ئاشكارىلانغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019.02.18
uyghur-surveilance-data-leak.jpg ئۇيغۇر دىيارىدىكى 2 يېرىم مىليون كىشىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى ھەققىدە 17-فېۋرال رويتېرس ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن خەۋەر.
Photo: RFA

گوللاندىيەدىكى بىر نەپەر ئىنتېرنېت مۇتەخەسسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى 2 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل كونترول سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن شەخسىي ئۇچۇرلىرى پۈتۈنلەي ئاشكارىلىنىپ كەتكەن.

بۇ خەۋەر بۈگۈن ئەتىگەن، يەنى 17-فېۋرال رويتېرس ئاگېنتلىقى، «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى»، «ئەل-جەزىرە» ۋە «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق كۆپ ساندىكى دۇنياۋى تاراتقۇلاردا ئۇلاپ خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، گوللاندىيەدىكى GDI فوندىنىڭ تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى ۋېكتور گېۋېرس ئالدىنقى كۈنى تاسادىپىي ھالدا شېنجېندىكى بىر خىتاي يۇقىرى تېخنىكا شىركىتىنىڭ ساندانى، يەنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بايقىغان. مەزكۇر سانداندا ئۇيغۇر دىياردىكى 2 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ كىملىك نومۇرى، ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، ئادرېسى، تۇغۇلغان يىل-ئاي-كۈنى، ئىش ئورنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدىكى چىراي تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق كامېرا ئارخىپىغا يوللانغان ھەرىكەت ھالىتى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرى خاتىرىسى بار ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ پەقەت خىتايدىكى سۈنئىي ئەقىل ۋە يۇقىرى تېخنىكا ئۇچۇر سىستېمىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىرلا شىركەتنىڭ ساندانىنىڭ تاسادىپىي ئاشكارىلىنىشى ئىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ نۆۋەتتە شېنجېندىكى مەزكۇر شىركەتكە قارىتا جىددىي ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتىكەن.

رادىيومىز 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى، چىراي كۆرۈنۈشى، كۆز ئالمىسى ۋە كۆز قارىچۇقى، ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار زەنجىرى شۇنداقلا باشقا ھەر تۈرلۈك خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر دىياردىكى بارلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئىز قوغلاش ئاپپاراتى ئورناتقانلىقى، شەخسلەرنىڭ يانفونلىرىغا ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ ئىشلەپ چىققان كونترول ئەپلىرىنى قاچىلىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى 2 يېرىم مىليون كىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كونترول سىستېمىسىدا ساقلىنىۋاتقان شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ خەۋەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا بولغان ئىنكاسى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئاشكارىلاندى.

كۆزەتكۈچىلەر، شېنجېندىكى پەقەت بىرلا خىتاي شىركىتىنىڭ ساندانىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى 2 يېرىم مىليون كىشىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى بىزگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا غايەت زور يۇقىرى تېخنىكىلىق كونترول سىستېمىسىنى قۇرۇپ بولغانلىقىنى، ئەمدى دۇنيا بۇنىڭغا داۋاملىق سۈكۈت قىلسا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مۆلچەرلىگۈسىز بىر مەيدان پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.