جەۋھەر ئىلھام: «دادام ئىلھام توختىنى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتكەن كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن»
2019.01.31

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 29-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 29-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ماركو رۇبىئو، كىرىستوفىر سىمىت، رىچارد بلۇمېنتال، كورىي گاردنېر قاتارلىق جەمئىي 13 نەپەر ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتىغا يوللىغان ئىمزالىق مەكتۇپىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان. ئىلھام توختىنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەر ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىنچلىق بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ناھەق ھالدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى» نى بايان قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى 13 نەپەر ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئۇنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئىمزالىق خېتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 30-يانۋار كۈنى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر ئىلھام رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ دادىسى ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىگە ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتتى.
جەۋھەر مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن 13 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ دادام ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش ھەققىدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. مېنىڭ دادام ئىلھام توختى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ خىتايدىكى باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقى، ھۆرلۈكى ۋە قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ھەرقانداق زوراۋانلىققا قارشى ئىدى. مەن ئۇنىڭ بۇ قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشىنىڭ ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشىنىڭ يەنە ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشمەن.»
گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەرجان ئەپەندى بايانىدا ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رولى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى 13 نەپەر ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئۇنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئىمزالىق خېتىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ توختالغان. مەكتۇپتا 2017-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئاۋازلارغا يەنىمۇ زور ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن بۇ مەكتۇپتا ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئەڭ لايىق بىر نامزات ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
«ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە تەسىرگە ئىگە شەخسلەر تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
تېخى بىر كۈن ئاۋۋال، يەنى 28-يانۋار كۈنى غەرب ئەللىرىدىكى بىرقانچە تەشكىلات بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق نورۋېگىيە «رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2014-يىلى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «مىللىي قۇتراتقۇلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ 5 يىلدىن بۇيان بىر قاتار نوپۇزلۇق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭغا 2014-يىلى ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن «باربارا گولدسمىس ئەركىن يېزىقچىلىق مۇكاپاتى»، 2016-يىلى «مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، 2017-يىلى گېرمانىيەدە «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» قاتارلىق دۇنيادىكى نوپۇزلۇق مۇكاپاتلار بېرىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنماقتا.