ئىلھام توختىنىڭ قوللىغۇچىسى ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغان
2014.07.21
تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان خىتاي ئۆكچىسى خۇ جيانىڭ ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.
خۇ جيا 21-ئىيۇل تۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، 20-ئىيۇلدىن بۇيان نامسىز تەھدىت تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا باشلىغانلىقى، ھەتتا بەزى ئۇچۇرلاردا ئۆزىنىڭ ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ جيا ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، بۇ ھۇجۇملارغا ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قوللىغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خۇ جيا ئەپەندى دۈشەنبە كۈنى تۋىتتېر تورىغا يوللىغان ئۇچۇردا مۇنداق يېزىلغان: «خۇ جيا، مەن مەخسۇس ساڭا ئوخشاش ئۆزىنى بىلەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ئەدىپىنى بېرىمەن. ئالدىنقى كۈنى يېگەن تايىقىڭ پەقەت ساڭا بېرىلگەن بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش خالاس. ھەرىكىتىڭنى يەنە مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرساڭ ۋە ئاغزىڭنى يۇممىساڭ، تېخىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەيسەن، ئىككى پۇتۇڭمۇ چېقىلىپ، مەجرۇھلار ئورۇندۇقىغا مەھكۇم بولىسەن. قۇرۇتتەك يەردە ئۆمىلەپ ماڭىسەن. ئاتا-ئاناڭ ۋە خوتۇنۇڭنىمۇ پالاكەت باسىدۇ. كېيىنكى كۈنۈڭ ئۆلگەندىن بەتتەر بولىدۇ.»
يەنە بىر ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلگەن: «خۇ جيا سەن ساقچىغا مەلۇم قىلىپسەن، ئەمما بۇ سەن ئۈچۈن بەرىبىر. سەن ئۆزۈڭنى بەك ئەقىللىق چاغلاۋاتىسەن، ئەگەر يەنە مۇشۇنداق ئاغزىڭنى يۇمماي قالايمىقان جۆيلۈيدىغان بولساڭ، ئۆيۈڭدىلا كۆيۈپ ئۆلىسەن.»
رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خۇ جيا ئەپەندى، ئۆزىنىڭ تاياق يېگەنلىكى ۋە بۇ خىل تېلېفون تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بېيجىڭ ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى، ئۇنى ئۆيدىن چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىش بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ساقچىلارنىڭ يالاپ ئاپىرىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان دوختۇر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭمۇ ساقچىلارنىڭ رايى بويىچە يېزىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
خۇ جيا: ماڭا كەلگەن تېلېفون تەھدىتلىرىدە ناھايىتى قوپال ۋە ئەپسانە سۆزلەر ئىشلىتىلگەندىن باشقا، مېنى ناكار قىلىدىغانلىقى ھەتتا ئۆيۈمدە كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت قىلىندى. بۇ ھاياتىمغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت ئىدى. مەن بۇ خىل تەھدىتلەرگە كۆپ ئۇچرىغىنىم ئۈچۈن پەرۋا قىلمىدىم. ئەمما، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەھدىتلەرگە قارىتا پاسسىپ ئىنكاسى مېنى ئەپسۇسلاندۇردى. ۋەقەدىن كېيىن مەن يەنە ئۆيۈمگە نەزەربەند قىلىندىم. مەن ئۇلارغا دوختۇرغا بېرىشىم كېرەكلىكىنى تەكرار دېگەندىن كېيىن، ئۇلار مېنى ساقچى ماشىنىسى بىلەن قانۇن دوختۇرىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتى. رېنتگېندا مېنىڭ باش سۆڭىكىم يېرىلغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن تۇرۇقلۇق، تەكشۈرۈش دوكلاتىغا يېنىك يارىلانغان دەپ يېزىلدى.
خۇ جيا ئەپەندى ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغۇچىلار ۋە تەھدىت ئۇچۇرلىرى يوللىغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى كوچا لۈكچەكلىرى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: ماڭا ھۇجۇم قىلغۇچىلار ۋە تەھدىت تېلېفون ئۇچۇرلىرى يوللىغانلار ئادەتتىكى كوچا لۈكچەكلىرى ئەمەس. ئۇلار مەخسۇس تەربىيىلەنگەنلىكى ئېنىق. ئەمما بېيجىڭ ساقچىلىرى خۇپسەنلىك قىلىۋاتىدۇ. مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ساقچى دائىرىلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇلار ھەر خىل يولار ئارقىلىق ئۆزلىرى ياقتۇرمىغان كىشىلەرگە زەربە بېرىپ كەلمەكتە، دېدى.
ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ئۆكتىچىسى خۇ جيانىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
مەركىزى پارىژدىكى خەلقئارا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 18-ئىيۇل جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى خىتاي ئۆكتىچىسى خۇ جيانىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى مۇدىرى بېنجامىن ئىسمائىل بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خۇ جيانىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. پاكىتلار بۇ قىلمىشلارنىڭ مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دېگەن.
خۇ جيا ئەپەندى ئۆزىگە قارىتىلغان تەقىب قىلىش، ھۇجۇم قىلىش ۋە تەھدىتلەرنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، يېقىندىن بۇيانقى پائالىيەتلىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قوللىغانلىقى بۇ خىل ھۇجۇم قىلىشلارغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرى.
ئۇ ئۆتكەن ھەپتە تۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى يوقلاپ، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە بارغىنىدا، ئىشىك ئالدىدىكى نازارەتچىلەر تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
18-ئىيۇل جۈمە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىممۇ ئۆتكەن ھەپتە ئۇنى ۋە ئوغلىنى يوقلاپ كەلگەن ئىلھام ئەپەندىنىڭ دوستلىرى تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋويسېر، خىتاي زىيالىيسى خۇ جيا قاتارلىقلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى نازارەتچىلەر تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھازىر دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنى 24 سائەتلىك نازارەت ئاستىغا ئالغاندىن باشقا، ھەتتا ئىلھام ئەپەندىنىڭ دوستلىرىنىڭمۇ بۇ ئائىلىنى زىيارەت قىلىشىغا ھەر خىل توسقۇنلۇقلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئىلھام ئەپەندى بۇ يىل 15-يانۋار بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، خۇ جيا يەنە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق يول ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، تورداشلارنى ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەرگە دىققەت قىلىشقا ھەمدە ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچى بارلىق كىشىلەرنى ئىلھام ئەپەندىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپنامىسىگە ئىمزا قويۇشقا چاقىرغان ئىدى.