ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى مەزگىلىدە ئىلھام توختى يەنە نەزەربەند قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.07.31
ilham-toxti-amerika-sepiride.jpg ئىلھام توختى ئامېرىكا سەپىرىدىن توسۇۋېلىنىپ ئۆيىگە قايتۇرۇلغان. 2013-يىلى فېۋرال، بېيجىڭ.
RFA

بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى، بۈگۈن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۈنمىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى يىغىنى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ بېيجىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن يەنە نەزەربەند قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختى ئەپەندى، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قاراتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك نازارەت ۋە تەقىب قىلىشنى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى نازارەت قىلىۋاتقان دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ 30-ئىيۇلدىن باشلاپ ھەتتا ئۇنىڭ كارىدورغا چىقىشىنىمۇ چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى سۆزىدە دائىرىلەرنىڭ ئۇنى بۇ قېتىم يەنە نەزەربەند قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، ساقچىلار ئۇنىڭغا نەزەربەند قىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم يەنە ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىشى كۈنمىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەت يىغىنى مەزگىلىدە، بېيجىڭدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە ئەرزدارلار بېيجىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتايدا بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دوكلاتىنى يېزىشقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ يىغىلىشتىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى نەزەربەند قىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، ئۇنىڭ بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

سۆھبەت داۋامىدا ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن بولغان تېلېفون زىيارىتىمىز بىرقانچە قېتىم ئۈزۈلۈپ قالدى. ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا كۆنۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئاڭلىغاندىن باشقا،ئۇنىڭغا سىرتتىن كەلگەن تېلېفونلارنىڭ ئۇلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق سىرتقا يوللىغان ئۇچۇرلىرىنىڭ ماڭمايدىغانلىقىنى، سىرتتىن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغۇچىلارنىڭ تېلېفونى ئېلىنمايدىغان ئەھۋال دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى مۇخبىرنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ھازىرچە دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا يول قويۇۋاتقانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن سىرتتىن كىرگۈچىلەرنىڭ كارىدوردىكى ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن كىرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىگە قارىتىلغان بۇ خىل ئايىغى چىقماس تەقىب قىلىشلارنىڭ، بىر ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭمۇ تارتىۋېلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىم ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىشى دائىرىلەرنىڭ مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە ئۇنى 4-قېتىم نەزەربەند قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان، ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇيغۇربىز تورىدا ئېلان قىلغان ماقالە، ئەسەرلىرى، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بەرگەن باياناتلىرى سەۋەبىدىن، خىتايدىكى سەزگۈر شەخس قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ، ئۈزلۈكسىز نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، كۆپ قېتىم نەزەربەند قىلىنغان، ھەتتا تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. دائىرىلەر يەنە، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ھەرقانداق باھانە-سەۋەب بىلەن چەتئەللەرگە چىقىشىنىمۇ چەكلىگەن. دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقى سەۋەبىدىن ئىلھام توختى ئەپەندى بىرقانچە قېتىملىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغىمۇ قاتنىشالمىغان. ئەڭ يېقىنقى توسۇپ قېلىش ۋەقەسى بۇ يىل 2-ئايدا بېيجىڭ ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىلھام توختى ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىش سەپىرىدىن توسۇپ قېلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.