خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئەڭ ئاساسلىق تېما «ئىلھام توختى» بولدى

0:00 / 0:00

خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 29-سېنتەبىردىن 2-ئۆكتەبىرگىچە قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. قۇرۇلتايدا خىتاي سوتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختى ئۈچۈن مەخسۇس بىر بوش ئورۇندۇق قويۇلغان بولۇپ، ئىلھام توختىنىڭ سىزما رەسىمى قويۇلغان بىر سىمۋوللۇق ئورۇندۇق، تۆت كۈن داۋام قىلغان بۇ خەلقئارالىق يىغىن پائالىيەتلىرىدە، باشتىن-ئاخىرى يىغىن سەھنىسىدە تۇرغان.

خەلقئارادىكى قەلەمكەشلەرنىڭ بۇ دۇنياۋى يىغىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ شىۋېتسىيەگە قايتىپ كەلگەن، خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى تىل ۋە تەرجىمە ھوقۇقى كومىتېتى رەئىسى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ، خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80 ‏- قۇرۇلتىيىدا كۈن تەرتىپكە كىرگەن ئاساسلىق تېما بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەيسەر ئەپەندى يەنە، خەلقئارا قەلەملەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80-قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ۋە ئېلىنغان مۇھىم قارارلار ھەمدە ئۆزىنىڭ قۇرۇلتاي تەسىراتلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ قەيسەر ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.