تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى نەۋزات قورقماز: «خىتاي ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

15-يانۋار كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختىنى ئېلىپ كەتكەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ئامېرىكا، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە بەزى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى پوزىتسىيىسىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېخىغىچە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2013-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ ساندا قانلىق توقۇنۇش مەيدانغا كەلدى. بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى نەۋزات قورقماز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقان ئىلھام توختىنى تۇتۇپ كېتىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

-ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى، نەدە ئىكەنلىكىمۇ بىلىنمەيدۇ. بۇ ھەقتە تۈرك ھۆكۈمىتى تېخىچە بايانات ئېلان قىلمىدى، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
-ئالدى بىلەن ئىلھام توختى ئۈچۈن كۆڭلۈمنىڭ ناھايىتى يېرىم بولغانلىقىنى دېمەكچىمەن. چۈنكى ئۇ پەقەت شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ناھەقچىلىككە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن، ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىسى. ئۇ، قانۇنغا خىلاپ بىر نەرسە تەلەپ قىلمىغان، ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلىرىدا ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تۈزگەن قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلماقتا. خىتاي ئاكادىمىكلەرگىمۇ زۇلۇم قىلماقتا. خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا تىرىشماقتا. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارشى چىقمىغان تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيمەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيە، مىسىر، پەلەستىندىكى كىشىلەر ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تاشقى سىياسىتىگە خىلاپ ھالدا سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. دىنى، تىلى ئوخشاش بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتايغا بىرنەرسە دېمەيۋاتىدۇ. بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتوغلۇنى ۋە ھۆكۈمىتىمىزنى ئەيىبلەيمىز. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر دائىم تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىمىز.

‏-ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى نەۋزات قورقماز ئەپەندى سىز ئۆتكەن يىلى تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتتىڭىز، تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردىڭىز، پارلامېنتتىكى يېپىق يىغىنلاردىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتامدۇ؟-دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
‏-بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارلامېنتتىكى پۈتۈن پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز 44 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر سىياسىي پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پەقەتلا تۈركىيىدىكى تۈركلەرگىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداش خەلقلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. ئەپسۇسكى 11 يىلدىن بېرى تۈركىيىنى باشقۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق بىر غېمى يوق. سىزگىمۇ مەلۇم ،تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ھۆكۈمەت بەلگىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. بىز ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. ئەپسۇسكى، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدە تۈرك دۇنياسىغا تازا ئورۇن بېرىلمەيۋاتىدۇ. خۇدا بۇيرۇسا سايلامدا خەلق بىزگە ئوي بەرسە، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسەك، تۈرك دۇنياسىغا تاشقى سىياسىتىمىزدە ئالاھىدە ئورۇن بېرىمىز.

-ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى نەۋزات قورقماز ئەپەندى، بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سىزگە بىر دوكلات بەردى. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلەمسىز؟-دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
-سېيىت تۈمتۈرك بىلەن داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بىزگە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىز بۇ مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ پارلامېنتتىكى يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتىمىز. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە پارلامېنتتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىمىز.

-ئەڭ ئاخىرىدا رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا نېمە دېمەكچىسىز؟-دېگەن سوئالىمىزغا پارلامېنت ئەزاسى نەۋزات قورقماز ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
-مەن پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە بەختلىك، راھەت، ئەركىن-ئازادە، ئۆز دۆلەتلىرىدە ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭلاركى، تاڭ ئېتىشقا ئەڭ يېقىن زامان ئەڭ قاراڭغۇ بولغان زاماندۇر. خۇدا بۇيرۇسا ئۇيغۇرلارمۇ يېقىن كەلگۈسىدە ئەركىنلىكىگە ئېرىشىدۇ. ھېچقانداق بىر دۆلەت زۇلۇم بىلەن ئاۋات بولمايدۇ. بىز تۈركىيىدىكى تۈركلەر ھەر دائىم ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز، ھەر دائىم ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز.