ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى جېنې بۇنىن: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى تېخى يېتەرلىك يورۇتۇلمىدى»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.07.27
Gene-Bunin.jpg ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى جېنې بۇنىن.
Social Media

ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە يېقىنقى ئايلاردا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپلەپ ئۇچۇرلار تارقىتىۋاتقان ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى جېنې بۇنىن بۈگۈن قازاقىستاندىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى ئەڭ ئاۋات كوچا بولغان ئۆستەڭ بويى كوچىسىدا تۇرۇش جەريانىدا 50-60 پىرسەنت ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكان ۋە رېستورانلارنىڭ تاقىلىپ قالغانلىقى، ھەتتا ھېيتگاھ جامەسىگە جۈمە كۈنلىرىدىمۇ ئادەم كىرمەس بولۇپ قالغانلىقى، ئۆزىنىڭمۇ نۇرغۇن دوستلىرىنىڭ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدەك ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزى شاھىت بولغان بىر قاتار ئەھۋاللارنى راۋان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەپ بەردى. جېنې ئەپەندى ئۆزىگە ئۇيغۇرچە ئالىمجان ئىسمىنى قوللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە چەتئەل ئاخباراتلىرىدا خېلى كۆپ خەۋەرلەر بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى تېخى يېتەرلىك دەرىجىدە يورۇتۇلمىغان ئىكەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ جېنې بۇنىن ئەپەندى، يەنى ئالىمجان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.