قەبرە ئىزدىگۈچى ئانا ۋە ئۇنىڭ باش - پاناھسىز قالغان ئائىلىسى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.01.08
kelpin-yash-etip-olturulgen.jpg قىزىل چىراغدىن بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشنىڭ جەسىتى. 2014-يىلى 13-ئاپرېل، كەلپىن.
Social Media


«بىر قۇشقاچ ئۆلسىمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى پۇراپ تاپىدىغان مۈشۈك بولىدۇ. مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان، ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەندە ئېتىۋېتىلگەن ئوغلۇم ئابدۇلباسىتنىڭ جەسىتىنىڭ قەيەرگە كۆمىۋېتىلگەنلىكىنى ھازىرغىچە بىلمىدىم…»

قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى تەرىپىدىن 8 ئاي ئىلگىرى كەلپىندە ئېتىپ تاشلانغان مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ئانىسى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يوقىرىقى سۆزلەرنى تەكىتلىدى.

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلى ئاپرېلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ياش ئابدۇلباسىت ناھەق ئېتىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى كەلپىن خەلقىنىڭ بىر مەيدان نارازىلىق نامايىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

نامايىش باستۇرۇلغاندىن كېيىن دائىرىلەر ھەربىي، ساقچىلارنى يۆتكەپ كېلىپ كەلپىندە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان. ئابدۇلباسىتنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىدىن تارتىپ ئېلىپ مەخپىي ھالدا كۆمىۋەتكەن.

شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇلباسىتنىڭ ئانىسى ئامىنەم قان - ياش ئىچىدە ئوغلىنىڭ قەيەرگە كۆمىۋېتىلگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلغان. ھالبۇكى، كەلپىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئارىدىن 8 ئاي ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئابدۇلباسىتنىڭ جەسىتىنىڭ قەيەرگە كۆمىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارا قىلىشنى رەت قىلغان.

روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق چارچىغان ئامىنەم زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«8 ئايدىن بۇيان كەلپىن تەۋەسىدە بارالىغان جايلارنىڭ ھەممىسىگە باردىم. كەنت كادىرلىرىدىن تاكى ناھىيە ھاكىمىغىچە سۈرۈشتە قىلدىم. ھېچكىم ماڭا ئوغلۇمنىڭ قەيەرگە كۆمۈلگەنلىكىنى دەپ بەرمىدى. ئاقسۇ سەھىيە ئىدارىسىغا باشلىق بولغان بىر تۇغقىمىز بار ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بار ئىكەن دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن سۈرۈشتۈردۈم، لېكىن ئۇ كىشىمۇ ئۇقمايمەن دەپ تۇرۇۋالدى. كىشىلەر ئارىسىدىكى گەپ - سۆزلەر ۋە گۇمانلارغا قارىغاندا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئېھتىماللىق بار ئىكەن: بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئوغلۇمنىڭ جەسىتىنى كېچىدە قەشقەر تاش يولى بويىدىكى مازارىخېم دېگەن جاينىڭ ئۇ يېقىدىكى تاغنىڭ ئارىسىغا ئاپرىپ كۆمۈپ تاشلىغانمىش. يەنە بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، ھۆكۈمەت بالامنىڭ جەسىتىنى ئاقسۇنىڭ قىزىل دېگەن جايدىكى زارەتگاھلىققا ئاپىرىپ مەخپىي كۆمگەنمىش. ئۇندىن باشقا، يەنە بەزىلەر ئوغلۇمنى مازارىخېمدىكى سايلىقتا ھۆكۈمەتكە 7 مىڭ سومدىن پۇل تۆلەيدىغان قەبرىستانلىققا كۆمۈپتۇمىش دەيدۇ. ھازىرغا قەدەر ھېچبىر ئېنىق ئۇچۇر يوق. بۇ جايلارغا ئۆزۈم بېرىپ ئىزدەي دېسەم، كىراكەشلەر مېنى ئۇ يەرلەرگە ئېلىپ بېرىشتىن قورقىدۇ.»

ئامىنەم يەنە مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى يولدىشىم ئىككى ھەمراھى بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن پاكىستان ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانىغا سەپەر قىلغانچە قايتىپ كەلمىدى. ئۇنىڭ ئىككى ھەمراھى بىرقانچە يىلدىن كېيىن ھايات قايتىپ كەلدى. ئۇلار يولدىشىمنىڭ كېسەل بولۇپ مەككىدە قازا قىلغانلىقىنى ۋە ئۇ يەرگە دەپن قىلىنغانلىقىنى دەپ كەلدى. كېيىن قېينىئاتام ھەج بىلەن مەككىگە بېرىپ يولدىشىمنىڭ قەبرىسىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ھېچ يەردىن تاپالماي قايتىپ كەلدى. 15 يىلدىن كېيىن ئوغلۇم ئابدۇلباسىت ناھەق ئېتىپ تاشلاندى. مانا ئۆز يۇرتىمىزدا تۇرۇپ ئوغلۇمنىڭ مىيىتىگىمۇ ئىگە بولالمىدۇق. بۇنىڭدىن 15 يىل ئاۋۋال يولدىشىمنىڭ ياقا يۇرتلاردا قازا قىلىپ قەيەرگە دەپن قىلىنغانلىقىنى بىلمىگەن ئىدىم، مانا ھازىر ئۆز يۇرتىمىزدا تۇرۇپمۇ ئوغلۇمنىڭ قەيەرگە كۆمىۋېتىلگەنلىكىنى بىلمىدىم. 8 ئايدىن بۇيان ئىزدەۋاتىمەن، لېكىن ھېچقانداق خەۋىرى يوق.»

ئۇ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مېنىڭ سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرەلمەي ئاخىرى "بالىڭىز دادامنىڭ قىساسىنى ئالىمەن دەپ ساقچىلارغا قارشىلىق قىلدى" دەيدۇ. مەن ھەيران بولدۇم. دادىسى چەتئەلگە ماڭغاندا بالام 3 ياشقىمۇ كىرمىگەن تۇرسا، دادىسى توغرىلىق كۆپ نەرسە بىلمىسە، ئۇ قانداق قىلىپ "دادامنىڭ قىساسىنى ئالىمەن" دەيدۇ؟ بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا جاۋاب بېرەلمىگەندە دېگەن قۇرۇق گېپى، خالاس!»

«يېقىندا مېنى ناھىيە بازىرىدىكى تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيۈمدىن ھەيدەپ چىقاردى. شۇنچە يالۋۇرغان بولساممۇ، لېكىن گېپىمگە قۇلاق سالمىدى. ئامالسىز يۈرچى يېزىسىدىكى كونا ئۆيىمىزگە قايتىپ كەلدىم. كىچىك ئوغلۇم ئوقۇش ئۈچۈن كۈندە سەھەر 6 - 7 كىلومېتىر يول يۈرۈپ ناھىيە بازىرىدىكى مەكتەپكە بارىدۇ. سىرتتىن باشقا ھەرقانداق كىشىلەر، ھەتتا ئۇرۇق - تۇغقان ۋە قوشنىلار ئۆيۈمگە كىرسىمۇ شۇنىڭ سورىقىنى قىلىدۇ. شۇنچە كىشى پېتىپ ياشاۋاتقان كەلپىنگە مېنىڭ ئائىلەم سىغمىدى. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ يۆلەنچۈكىمىز يوق!...»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.