سىياسىي پائالىيەتچى كېرەم قارىنىڭ 11 نەپەر تۇغقىنى تۇتقۇن قىلىنغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2015.07.25
abdulkerim-kuchar-sozlep-beriwatqan-kurunush.jpg ئابدۇكېرەم قارى سۆز ئۈستىدە
RFA/Arslan


ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىدىن ئابدۇلكەرىم زىياپ كۇچار (كېرەم قارى)نىڭ 11 نەپەر تۇغقىنىڭ خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بەزىلىرى سەۋەبسىزلا 5 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كېرەم قارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسى ھىمىت زىياپ ۋە سىڭلىسى نۇرسەم شۇنداقلا ئۇنىڭ ھاممىسى خەلچەم ۋە ھاممىسىنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ 11 نەپەر ئۇيغۇر بۇنىڭدىن 6 ئاي ئىلگىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ھېچقانداق سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئاكىسى بىلەن سىڭلىسى 5 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

كېرەم قارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسى 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، ئۇ، ناماز ئوقۇش ۋە چەتئەلدىكى كېرەم قارى بىلەن تېلېفوندا ئالاقە قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن.

كېرەم قارىنىڭ سىڭلىسى ئىسلامى ئۇزۇن كىيىم كەيگەنلىكى ۋە ئىسلامىي كىيىملەرنى سېلىۋېتىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

كېرەم قارى تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغان. ھازىر قەيەردە، قايسى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن.

بۇ ھەقتە بىز كېرەم قارى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.