خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە قارىتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ۋە ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر قوللانمىغاندىن باشقا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ بۇ ۋەقەگە پاسسىپ پوزىتىسيە تۇتۇشى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تاماشا كۆرۈش پوزىتسىيسى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان ئۆچ - ئاداۋەت تۇيغۇلىرىنى يەنە بىر قېتىم يالىڭاچ شەكىلدە ئاشكارىلىدى.
ئۈندىدار ۋە تورلاردا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى ئاپەتكە ياردەم قىلىشنى خالىمايىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ خىل پىكىرلەرنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قانچىلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئايرىم نۇقتا، ئەمما خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق پىكىرلىرىنى ئاشكارا بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلالشى، ۋەقەگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلارنى ئويغا سېلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە.
تۆۋەندە دىققىتىڭلار،ئىلگىرى كېرىيەدە ئىككى يىل خىزمەت قىلغان مۇھاجىر زۈمرەت خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوي ۋە تەسىراتلىرى ھەققىدە بولسۇن..
بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىغان.
0:00 / 0:00