«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.12.09
BDT-belgisi.jpg ب د ت بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن سەھنە ئارقا كۆرۈنۈشى. ب د ت باش شتابى. 2013-يىلى 3-سېنتەبىر.
AP Photo/Bebeto Matthews

10-دېكابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

1948-يىلى 10-دېكابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نى رەسمىي قوبۇل قىلىپ، ھەربىر ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا ئەركىن ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ خىتابنامىگە قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن خىتابنامىدە بارلىق خەلقلەرنىڭ ئۆز قەدىر-قىممىتى ۋە غۇرۇرى بىلەن ياشاش، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى. 

«ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» قوبۇل قىلىنغان 10-دېكابىر كۈنى شۇندىن بۇيان «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىتابنامىگە 1971-يىلى قول قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھېلىھەم ناچار دۆلەتلەر قاتارىدا باھالىنىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى خەلقئارادا كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ دىققەتكە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

8-دېكابىر كۈنى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ھەيئىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر پارچە بايانات ئېلان قىلدى. بۇ باياناتتا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ھەيئىتى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇشاۋبونىڭ تۈرمىدىكى ئۆلۈمىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىياڭ تيەنيۇڭ ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.» 

مەزكۇر ھەيئەت باياناتىدا ئۆتكەن بىر يىل مابەينىدە، خىتايدا پىكىر ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكى ھەم شۇنداقلا ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان قامالنىڭ زور دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ ئەڭ نېگىزلىك ھوقۇقلىرىنىڭمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنماسلىقىنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. 

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مايكىل كلائۇس ئۆز ئالدىغا بايانات بېرىپ، خىتايدىكى دىنىي بېسىم سىياسىتى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي گۇرۇھلارغا كەلتۈرگەن رىيازەتلىرىنى تەنقىد قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ئىقتىسادىي كۈچىنى پەش قىلىپ دۇنيادىكى دېموكراتىك ئاۋازلارنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر شارائىتتا خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىپ، ئورتاق قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور،» دەپ كۆرسەتتى. 

بۈگۈن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى ۋە خىتايغا ئورتاق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتمۇ ئۆز باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى قاتارلىق بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىشقا چاقىردى. 

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» مۇ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى قول قويغان كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدىكى ماددىلارغا خىلاپ ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي ھوقۇقلىرى، پىكىر-ئۇچۇر ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكىنى قاتتىق قامال قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. باياناتتا دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ئىنسانىي تەلەپلىرىنى قوللاش شۇنداقلا ب د ت تور بېتىدە ئېچىلغان مەخسۇس مۇنبەرگە سۆز قالدۇرۇش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەنگلىيەدىكى شۆبىسى 10-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.