كۇچا ناھىيىسىدىكى ئۈچ «لاگېر» نىڭ ئورنى ۋە قۇرۇلمىسى ھەققىدە بىرقىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە كۇچا ناھىيە بازىرىدىكى 3 «يىغىۋېلىش لاگېرى» نىڭ ھەممىسى ناھىيە بازىرىنىڭ يېڭىشەھەر رايونىغا تەسىس قىلىنغان. ئاتالمىش بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تەربىيىلەش مەركىزى، ئەسلىدىكى قاماقخانا ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەسىس قىلىنغان بولسا، 3-سى، يەنى ئەڭ چوڭى ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ بىلەن قاتناش ئىدارىسىنىڭ يېنىغا سېلىنغان. لاگېر ئېگىز تاملار بىلەن قورشىلىپ، ئىچىدىكى ئەھۋاللار ئەل-جامائەتنىڭ كۆزىدىن يىراق تۇتۇلغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن ئۇنى بىر مەھەل ئا كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى ياكى مېھرى-شەپقەت مەكتىپى دېگەندەك فۇنكسىيەسى ۋە ئەسلى ماھىيىتىگە يېقىن كەلمەيدىغان ناملار بىلەن ئاتاپ ۋە شۇ خىل ۋىۋىسكا بىلەن پەدەزلەپ كەلگەن بولسا يەنە بىر تەرەپتىن لاگېرلارنى شەھەر سىرتىغا ياكى شەھەرنىڭ دىققەتتىن يىراق جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان. بىز كۇچا ناھىيىسىدىكى 3 لاگېرنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ناھىيە بازىرىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.

مەلۇم بولۇشىچە، لاگېردىكى ئادەم سانىنىڭ كۆپلۈكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رايوندىكى ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئاز دېگەندە بىرقانچە ئائىلە ئەزاسى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېردا بولغاچقا، لاگېرلار ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى ئەڭ مەشھۇر ئورۇنغا ئايلانغان. ئەمما لاگېرلار خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىدىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دۆلەت كادىرلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇنىڭ ھەققىدە گەپ قىلىش، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش ۋە مەلۇمات سوراش ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەردىن بىرىگە ئايلانغان. شۇڭا بۇ ھەقتە تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۆپىنچە خادىملار لاگېرلار ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقى ياكى ھېچنېمە دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بەزىلەر، بۇ ھەقتە سىياسىي قانۇن ئىشخانىسى ياكى ئەدلىيە ئىدارىسىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ كەلدى.

كۇچادىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، كۇچادىكى 3 «يىغىۋېلىش لاگېرى» كۇچا ناھىيە بازىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايون تەۋەلىكىدە. ئاتالمىش «بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تەربىيىلەش مەركىزى» ئىلگىرىكى قاماقخانا ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئورنىغا تەسىس قىلىنغان. لاگېرنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان «3 -تەربىيىلەش مەركىزى» ئەسلىدىكى بىر بوش ئورۇنغا، يەنى قاتناش ئىدارىسى ۋە پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يېنىغا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان.

بۇ خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ، بۇ ئۈچ لاگېر تەسىس قىلىنغان جاي ناھىيە بازار مەركىزىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتا. يەنە مەلۇم بولۇشىچە دائىرىلەر بۇ لاگېرلارنى ئېگىز تاملار بىلەن قورشاش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن لاگېر ئىچىدىكى ھەرىكەتنى ۋە يەنە بىر جەھەتتىن ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى ئەل-جامائەتنىڭ كۆزىدىن ئۇزاق تۇتقان. مەزكۇر خادىم قورۇنىڭ تاملىرىنىڭ ئېگىزلىكى سەۋەبىدىن لاگېرنىڭ 3‏- ۋە 4‏-قەۋەتلىرىنى كۆرگىنى بولىدىغانلىقى، تۆۋەن قەۋەتلەر ۋە قورۇنىڭ ئىچىدىكى پائالىيەتلەرنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاھالىلەر تا ھازىرغا قەدەر لاگېرنىڭ ئىچىدىكىلەرنى لاگېر قورۇسىغا ياكى قورۇ سىرتىغا ئېلىپ چىققان بىر كۆرۈنۈشكە شاھىت بولمىغان. لاگېردىكىلەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىنىڭ لاگېرنىڭ قەيىرىدە قانداق داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان.