6 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ مالايشىيادىكى سەپىرى ئۈنۈم كۆرسىتىشكە باشلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.01.14
Uyghur-Heyet-Malayshiyede-2018-01.jpg مالايشىيا پەراك ئۆلكىسى ئىپوھ ۋىلايىتى دىنى ئىشلار باشقارما رەئىسى در. ھاجى موھاممەد يۈسۈف ھۇسساىنى ئۇيغۇر ھەيئەتلەر بىلەن بىرگە. 2019-يىلى 10-يانۋار. مالايشىيا.
RFA/Arslan

مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان 6 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ مالايشىيادىكى پائالىيەتلىرى ئۈنۈم كۆرسىتىشكە باشلىغان.

11-يانۋار، يەنى جۈمە كۈنى مالايشىيادا بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار باياناتلار ئېلان قىلدى ۋە نامايىش ئېلىپ باردى. مالايشىيانىڭ ھەرقايسى جامە ۋە ئىسلام مەركەزلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى. جۈمە نامىزىدىكى قۇتبىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.
مالايشىيا زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان 6 كىشىلىك ھەيئەتنىڭ مالايشىيا زىيارىتى بۈگۈن 5-كۈنىگە قەدەم قويدى. ئۇلار مالايشىيانىڭ ھەر ساھە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە دىنى ئالىملار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئۇلار يەنە مالايشىيا دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، ئىسلام تەتقىقات مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلاتتى.

مالايشىيا زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ ھەيئەت 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى مالايشىيا باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان دوكتور سەييىد ئالبارنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ كۆرۈشتى. زىيارەت جەريانىدا ئۇنىڭغا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەرگەن. زىيارەت جەريانىدا ئۇلار يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ھازىرلانغان دوكلاتنى سەييىد ئەپەندىگە تەقدىم قىلغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

ھەيئەت يەنە 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى مالايشىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسىيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ رەئىسى بىلەن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى مالايشىيا شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى ئازمى ئابدۇلھەمىد ئەپەندىنى ھەمدە مالايشىيا دىنى ئىشلار ئىدارىسى شۇرا ئەزاسى شەيخ ئابدۇلغەنى شەمسىددىن ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇيغۇر ھەيئەت ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇم ھەققىدە تەييارلانغان دوكلات تەقدىم قىلىش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بىلەن ئاسىيا ئۆلىمالار بىرلىكى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن. 

ئۇيغۇر ھەيئەت مەركىزى ككۇئالالۇمپۇرغا جايلاشقان ۋاداھ: يەنى «مالايشىيا جەمئىيەتنى مەلۇماتلاندۇرۇش ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر تەشكىلات ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلغان. ئۇلار ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادى، مەدەنىيەتلىرى، تىلى، دىنى مۇراسىملىرى ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، دۇئا قىلىش، ساقال قويۇش، ئىسلامى كىيىنىش خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھەيران قالارلىق بىر شەكىلدە جىنايەت ھېسابلىنىپ، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىغا سەۋەب بولغان.» 

باياناتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتىكى بىر مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى دەلىل ئىسپات قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە تۇتۇلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپلۈكىدىن جازا لاگېرلارنىڭ كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ۋاداھ تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ئەھۋاللاردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. خەلقئارا جامائەتنى خىتايغا بېسىم قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىمىز». باياناتنىڭ ئاخىرىغا «ۋاداھ» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت ئەزەم ئابدۇراخماننىڭ ئىمزاسى قويۇلغان. 

جۈمە كۈنى مالايشىيا ئىسلام مەركىزىنىڭ چىقارغان ئۇقتۇرۇشى بىلەن ئىسلام مەركىزىگە قاراشلىق بارلىق جامە-مەسجىدلەردە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلغان.
ۋاقىتنىڭ زىچلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ھەيئىتى بىر قانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى مالايشىيا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەسچىتىدە جۈمە خۇتبىسى ئوقۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان. ئۇيغۇر ھەيئەت ئىچىدىكى ئابدۇسالام ئالىم كۇئالالۇمپۇردىكى زۇبەيدە جامەسىدە جۈمە نامىزىدا خۇتبە ئوقۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.

ئابدۇسالام ئالىم جۈمە خۇتبىسىدە سۆز قىلىپ، بىر قانچە يىل ئىلگىرى مالايشىيانىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋەر ئېلىنمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىسلام ئېتىقادى بويىچە «دىنىي قېرىنداشلارغا زۇلۇم قىلىنغانلىق» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مالايشىيا خەلقىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلدى. 

ئابدۇسالام ئالىم سۆزىدە يەنە خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيەگە ھىجرەت قىلغان 25 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا تۈركىيە ھۆكۈمىتى قۇچاق ئاچقانلىقىنى، ئۇلار خاتىرجەملىككە ئېرىشكەنلىكىنى، گەرچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارغا رەسمىي ھالدا ھېچ بىر ياردەم قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم چېكىۋاتقان مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاۋاز چىقىرىشىغا ۋە ئۆزلىرىگە مەدەت بېرىشىگە موھتاج،» دېدى. 

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ھەيئەت 1-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە مالايشىيا زىيارىتىنى داۋام قىلىدىغان بولۇپ، 5-6 شەھەرنى ئايلىنىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مالايشىيا خەلقىگە تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان 

بۇ قېتىملىق مالايشىيا زىيارىتى ۋە ئۇ يەردىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.