مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچى 12 ياشلىق ھەزرىتىئېلى مەمەتنىڭ دادىسى 7 يىللىق كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.07.31
urumchi-sheherlik-1-turme-305.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن قامالغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
Photo: RFA

بىز ئۆتكەن ھەپتىلەردە مىسىردىن قايتقان 12 ياشلىق ئوقۇغۇچى ھەزرىتىئېلى مەمەتنىڭ بىر مەھەل تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن كەنتتە نەزەربەنت قىلىنغانلىقى، ئەمما ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ قايتقان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاقىۋىتى مەلۇم ئەمەسلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق، مۇخبرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا ھەزرىتىئېلىنىڭ دادىسى مەمەت ئابلەتنىڭ  يوپۇرغا ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ يىل23 ‏-ماي كۈنى 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.  مەلۇم بولۇشىچە سوت ھۆكۈمىدە ئۇنىڭ توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەمما كەنت ئامانلىق مۇدىرى مەمەت ئابلەتنىڭ كېسىلىشىدە بالىسىنى مىسىرغا ئەۋەتىشنىڭ مۇھىم سەۋەپ بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. تۆۋەندە مۇخبرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 12 ياشلىق ھەزرىتىئېلى مەمەتنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەمرۇللا بولۇپ، يېقىنقى ئىسىم ئۆزگەرتىشتە، ھەزرىتىئېلى مەمەتكە ئۆزگەرتىلگەن.  يوپۇرغا ناھىيە يەكشەنبە بازار3 ‏-كەنت سېكرىتارىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەمرۇللانىڭ دادىسى مەمەت ئابلەت  15 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ بارغان. ئىلگىرى  ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن مەمەت ئابلەت، تۇتقۇن قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ ياردەمچى ئىماملىق ۋەزپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئىكەن.

بىز مەمەت ئابلەتنىڭ كېسىلگەنلىك  خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدە، ئالاقىدار كەنت مۇدىرىنى زىيارەت قىلدۇق. ئامانلىق مۇدىرى،  مەمەت ئابلەتنىڭ 7 يىل كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوت ھۆكۈمىنى ئۆزىنىڭ تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى ۋە ئائىلىسىگە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە قولىدا بار بولغان سوت ھۆكۈمىنى ئوقۇپ بەردى. ھۆكۈمدە مەمەت ئابلەتنىڭ توپلىشپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما كونكرېت، قەيەردە، قانداق بىر ھەرىكەت بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار  ئۆزى ئىسلام ئىنستىتۇتىنى ئوقۇغان، ئۈرۈمچىدە ئىككى مەسچىتتە 3 يىلغا يېقىن ئىماملىق قىلغان ۋە پەرزەنتىنى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇتۇشنى ئارزۇ قىلغان بىر دىنىي زاتنىڭ توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش بىلەن شۇغۇللىنىشى مۈمكىنمۇ؟ بىز بۇ سوئالغا  مەزكۇر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئېغىزىدىن جاۋاپ ئېلىشقا تىرشتۇق: دېلونىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈرگەن مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى ئۇنىڭ كېسىلىشى سەۋەبىگە ئىككى خىل ئېھتىماللىقنى كۆرسەتتى: بىرسى  دوستلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە دىنىي دەرس بەرگەنلىكى، يەنى بىرسى ئۆز ئوغلىنى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا مىسىردىن قايتىپ كەلگەن 12 ياشلىق ئوقۇغۇچى ھەزرىتىئېلى )ئەمرۇللانىڭ(  دادىسى مەمەت ئابلەتنىڭ 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.