ئوسلودا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2014.12.08

7-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى ئوسلودا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. يېقىندا نورۋېگىيەدە، نورۋېگىيە ۋىيېتنام جەمئىيىتى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى ۋە نورۋېگىيەدىكى فىلىپپىنلىقلار بىرلىشىپ «شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئۈچۈن تىنچلىق مۇنبىرى» ناملىق ھەمكارلىق مۇنبىرى تەشكىل قىلغان ئىدى. بۈگۈنكى بۇ نامايىشنى مۇشۇ ھەمكارلىق مۇنبىرى ئورۇنلاشتۇرغان.
نامايىشنىڭ ئاساسى مەقسىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى پاش قىلىش، خىتاينىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى قوشنا دۆلەتلەر، جۈملىدىن، ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىنغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان يولسىز چېگرا مۇداخىلىسى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەش، خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تەھدىت بولۇپلا قالماستىن، بۇ رايوندا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈنمۇ چوڭ تەھدىت ئەپ كېلىۋاتقانلىقىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە چۈشەندۈرۈش ۋە خىتايغا قارشى كۈرەشتە ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ۋىيېتناملىق نامايىشچىلاردىن بىرى «سىز نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشتىڭىز» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
- چۈنكى بىز، ئەھۋالى بىزگە ئوخشايدىغان باشقا مىللەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ۋە بىرلىكتە خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز. خىتايلار بىزنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىمىزگە پاراخوتلىرى بىلەن كېلىپ بىزنىڭ بېلىقچىلىرىمىزنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، بىخەتەرلىكىمىزگە، ھاياتىمىزغا ۋە ئىقتىسادىمىزغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.
نامايىشقا قاتناشقان ھەر مىللەت كىشىلىرى ئۆزلىرى ئەكەلگەن بايراق، لوزۇنكىلارنى ۋە مەشئەللەرنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. ئىككى تىبەت ئايال يۇقىرى ئاۋازلىق ئىبادەت قوڭغۇرىقىنى چالغاچ نامايىشنى داۋاملاشتۇردى.
نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت، ۋىيېتناملىقلار، فىلىپپىنلىقلار ۋە يەرلىك نورۋېگلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 دە مەركىزى پويىز ۋوگزالىنىڭ ئالدىدىن باشلىنىپ، ئوسلو شەھەر مەركىزىدىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا ھەر مىللەت ۋەكىللىرى نۇتۇق ۋە مۇراجىئەتنامە سۆزلەش ۋە تىنچلىق ناخشىسى ئېيتىش بىلەن سائەت 17:00 دە ئاخىرلاشتى.