پاكىستانلىققا تەككەن ئۇيغۇر ئايال ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىدى، قېيىنئاكىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈدە تۇتۇلماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.09.04
pakistan-uyghur-ayal-asiye-kerim.jpg ئاسىيە كېرىم ۋە تۆت پەرزەنتىنىڭ بەش يىل بۇرۇنقى سۈرىتى
Photo: RFA


بۇ يىل 40 نەچچە ياشقا كىرگەن ئاسىيە كېرىم، 20 يىلنىڭ ئالدىدا بىر پاكىستانلىققا توي قىلغان چېغىدا، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە پاكىستاننىڭ چەت يېزىسىدىكى بىر ئۆيدە ئېغىز - بۇرنى قانغا مىلەنگەن، بىر بېلىكى سۇنغان ھالەتتە يىغلاپ ئولتۇرۇشىنى بەلكىم تەخمىنمۇ قىلمىغان. يولدشى 5 يىلنىڭ ئالدىدا 18 يىللىق كېسىلگەن، ئۆزى نۆۋەتتە قېيىنئاكىلىرى تەرىپىدىن پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر ۋىلايىتىدە گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئاسىيە كېرىم بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بېشىغا كەلگەن پاجىئە ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

نۆۋەتتە 4 بالىسىنى ئېلىپ پاكىستاندىن يۇرتى كورلىغا قايتىپ كېتىشنىڭ كويىدا بولۇۋاتقان ئاسىيە كېرىمگە پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ ئىگە چىقمىغان؛ ئۇ پاكىستاندىن، جۆملىدىن قامىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۈيىدىن ئامان - ئېسەن قۇتۇلۇپ چىقىش ۋە يۇرتىغا قايتىۋېلىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلاتلىرىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.