بۆرتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى رابىخان ئانىنىڭ پاسپورت مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.09.12
rabiyxan-musa-ana.jpg 5 يىلدىن بېرى دىدارىنى كۆرمىگەن كەنجى ئوغلى قۇربانجاننى كۆرۈشكە تەشنا بولغان رابىيخان ئانا.
RFA/Shöhret Hoshur

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۆرتالا ساقچىلىرى 82 ياشلىق رابىخان ئانىنىڭ پاسپورتىنى زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋالغاندىن كېيىن، ئالدىغا پاسپورتىنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن رابىخان ئانىنى ئوبلاستلىق ۋە شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى قورۇسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزمىگەن؛ بىرقانچە ئايغىچە پاسپورتىنى قايتۇرىۋېلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ساقچى دەرۋازىسى ئالدىدا ھەر كۈنى 5 - 6 سائەت ئىنساپ كۈتۈپ ئولتۇرغان رابىخان ئانا، بىر قېتىم ھاجىتى قىستىغاندا ھاجەتخانىغا كىرىشىگىمۇ يول قويمىغان.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ ھەقتە بورتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدى. ساقچى ئىدارىسىنىڭ پاسپورت بۆلۈمى خادىمى رابىخان ئانىنىڭ پاسپورت مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.