دەرتمەن ئانا پاتىگۈل غۇلامنىڭ مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىغا ئامانەت سۆزلىرى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.09.27
Imammemetning-Anisi-patigul-ghulam-305.jpg ئىماممەمەت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ 15-يىلى بۇرۇن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى. ئانىسى پاتىگۈل غۇلام ئارقىدىكى رەتنىڭ ئوڭدىن بىرىنچىسى. ئوتتۇرىدىكىسى غايىب بولغان ئوغلى ئىماممەمەت ئېلى (12 ياش مەزگىلى)
RFA/Shohret Hoshur


غايىپ ئوغلىنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا جامائەتتىن ئىزچىل ھالدا ياردەم تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان دەرتمەن ئانا پاتىگۈل غۇلام، بۈگۈن مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە نۆۋەتتە بېيجىڭدا نەزەربەنت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئۇ مىننەتدارلىق بايانىدا، ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىل 7 - ئايدا غايىپلار ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە سۇنغان تەكلىپنامىسىدىن كېچىكىپ بولسىمۇ خەۋەر تاپقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ مەزلۇمنىڭ ئاھۇ - زارىنى خىتاي ۋە دۇنيا جامائىتىگە يەتكۈزگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتتى. پاتىگۇل غۇلام ئىلھام توختىغا يەتكۈزمەكچى بولغان يۈرەك سۆزلىرىنى مۇخبىرىمىزغا «بۇ مېنىڭ ئامانەت سۆزۇم» دەپ تاپىلىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلانغان پروگرامىسىنى ئاڭلايسىلەر:

مۇخبىر: دېمەك، ئىلھام توختىنىڭ باياناتىدىن خەۋىرىڭىز بوپتۇ - دە ۋاستىلىك ھالدا؟

پاتىگۈل: بولدى، بىرسى دېدى، ئىماممەمەتنى تورغا چىقىرىۋېتىپتۇ دەپ، كىم چىقىرىپتۇ دېسەم، مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پروفېسسورى دېدى. شۇنداق، چىقىرىشقا تېگىشلىكتى، خۇدايىم چىقىرىۋاتقاندۇ، مېنىڭ بالام ھەق ئىش قىلغان، ھەق گەپ قىلىدىغانلار ئۇنى سۈرۈشتە قىلىدۇ دېدىم.

مۇخبىر: شۇنداق، باياناتتا غايىپلاردىن 30 نەچچە كىشىنىڭ بىر - بىرلەپ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنىپ ھۆكۈمەتكە بۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە جاۋاب بېرىش ھەققىدە تەلەپ سۇندى.

پاتىگۈل: تىزىملىكنىڭ ئەڭ بېشىدا ئىمام بالامنى بار دەپ ئاڭلىدىم. بىراق، شۇ باياناتنىڭ ئۆزىنى ئوقۇيالمىدىم، تەپسىلىي نېمىلەر دېيىلگەنلىكىنى مەن ئۇقمىدىم.

مۇخبىر: ئىلھام توختىنىڭ ئۇ باياناتىدا «مەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېنىدىن تۆرەلگەن بىر زىيالىي، بۇ دۆلەت يېتىشتۈرگەن بىر تەتقىقاتچى، مەن بۈگۈن 5 - ئىيۇلدىن قېپقالغان ئەڭ چوڭ بىر مەسىلە ھەققىدە تەكلىپىمنى سۇنىمەن، بۇ مەسىلە ھەل بولماي تۇرۇپ، شىنجاڭدا مۇقىملىق بولمايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئېغىز ئاچقىنى بولمايدۇ» دېدى.

پاتىگۈل: ھەق گەپنى دەپتۇ، بىز دېيەلمەيۋاتقان گەپنى دەپتۇ، بىز بەك زۇلۇم ئاستىدا قالدۇق، 4 يىل نازارەت ئاستىدا ياشاش بىر ئانا ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەسكەن.

مۇخبىر: باياناتتا سىزنىڭ ئىسمىڭىزمۇ بار. مىسالەن «پاتىگۇل غۇلام، قۇربانگۈللەر بېيجىڭغا قەدەر كەلدى، ئەمما يەرلىكتىن ئادەم كېلىپ تۇتۇپ كەتتى. ئۇلار دەسلەپكى يىلى يەرلىكتىن جاۋاب كۈتتى، ئىككىنچى يىلى بېيجىڭغا كەلدى، بېيجىڭدىنمۇ جاۋاب چىقمىغاندىن كېيىن 3 - يىلى ئەھۋالىنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىدى، ھازىر بۇ ئىشنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ، بۇ ئىش ھازىر دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئەمەس، پۇتۇن دۇنيا بىلىدۇ، شۇڭا جاۋاب بېرىش كېرەك» دېدى.

پاتىگۈل: توغرا دەپتۇ، بىز 2010 - يىلنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭغا باردۇق، گېپىمىزنى ھېچكىم ئاڭلىمىدى، ئەكسىنچە بىزنى شىنجاڭ بەنسىچۇغا سولىۋالدى، 5 كۈن ياتاقتىن سىرتقا چىقارمىدى، ئاخىرى ھەر بىرىمىزنى 4 تىن ساقچى يالاپ ئېلىپ كەتتى.

مۇخبىر: ئىلھام باياناتىدا يەنە «غايىپلاردىن ھازىرغىچە ئاخباراتقا ئاشكارىلانغىنى 30 نەچچە، ئەمما جەمئىيەتتە بۇ ھەقتە قورقۇنچلۇق سانلار بار، ئەگەر شۇ 30 نەچچىنى ھېسابقا ئالغاندىمۇ، مۇشۇنچىلىك كىشىنىڭ غايىپ بولۇپ كېتىشى بىر دۆلەت ئۈچۈن كىچىك ئىش ئەمەس. شۇڭا ھۆكۇمەت ئالدى بىلەن بۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە تېزدىن بايانات ئېلان قىلىشى، ئائىلىلەرگە تۆلەم تۆلىشى ۋە ئۇلاردىن ئەپۇ سورىشى، ئاندىن مەسئۇلىيىتى بارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك» دېدى.

پاتىگۈل: يۈرىكىمىزدىكى گەپنى قىپتۇ، ئاللا سالامەتلىك ئاتا قىلغاي، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىمان - جاسارەت ئاتا قىلغاي.

مۇخبىر: باياناتنىڭ ئاخىرىدا «بۇرۇن بەرگەن تەكلىپلىرىم سەۋەبلىك، كۆپ قېتىم دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن «چاي ئىچىش»كە تەكلىپ قىلىندىم، بۇ قېتىم ئىچىدىغان چېيىم تېخىمۇ ئاچچىق بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما مۇشۇ چارىسىزلارنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن نېمە كۆرسەم مەيلى» دېدى.

پاتىگۈل: ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلا، ئىلھام توختىغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ،«ئاھ - زارىمىزنى يەنە يەتكۈزسۇن، پۇتۇن دۇنياغا يەتكۈزسۇن، پۇتۇن دۇنيا بىلسۇن يىغىمىزنى، بىزگە بەك ھەقسىزلىق بولىۋاتىدۇ، بىز بەك زۇلۇم چېكىپ كېتىپ بارىمىز.»

مۇخبىر: ئىلھام توختى دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ باققانمىدىڭىز؟

پاتىگۇل: مەن ئىلھام توختىنى بۇرۇنلا بىلىمەن، چۈنكى مەن ئائىلە ئايالى بولساممۇ كىتاب ئوقۇيمەن، گېزىت كۆرىمەن، رادىئو ئاڭلايمەن. ئۇ ئادەمگە ناھايىتى كۆپ ھۆرمىتىم بار. بېيجىڭغا بارغان ۋاقتىمىزدا، مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتېتىغا بېرىپ كۆرۈشمەكچى ئىدىم، ئوقۇغۇچىلاردىن سۈرۈشتە قىلىپ تاپماقچىتىم، ساقچىلار بىزنى سولىۋېلىپ كۆرۈشتۈرمىدى.

مۇخبىر: دېمەك پۇرسەت بولمىدى؟

پاتىگۈل: شۇنداق. ئەمىسە تاپىلايمەن: يۇقىرىقى سۆزلىرىمنى ئىلھام توختىغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ، بۇ مېنىڭ ئامانەت سۈزۈم.»

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا دەرتمەن ئانا پاتىگۈل غۇلامنىڭ بېيجىڭدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىغا يەتكۈزمەكچى بولغان ئامانەت سۆزلىرىنى ئاڭلىدىڭلار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.