پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا ئېغىر توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 27 ئادەم ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.06.26
pichan-lukchun-weqesi.jpg ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى ساقچى پونكىتى. 2013-يىلى 26-ئىيۇن.
t2.qpic.cn/mblogpic

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا چارشەنبە كۈنى ئېغىر توقۇنۇش يۈز بەرگەن. دەسلەپكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى لۈكچۈن بازىرىنى قامال قىلىپ، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلارنى كونترول قىلغان. د ئۇ ق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇچۇرنى قامال قىلىشنى بىكار قىلىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

26‏-ئىيۇن «شاۋگۈەن ۋەقەسى» نىڭ دەل 4 يىللىق خاتىرە كۈنى خىتاينىڭ پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 27 ئادەم ئۆلگەن. ھۇجۇمچىلار 26‏-ئىيۇن ئەتىگەن بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ سائەت 6‏ دە پىچاق ۋە قىڭراقلار بىلەن بازارلىق ساقچى پونكىتى، بىر قۇرۇلۇش ئورنى ۋە بازارلىق ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىپ، 17 نەپەر ساقچى ۋە باشقا كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن. ھۇجۇمچىلار يەنە، ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. لېكىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توقۇنۇش جەريانىدا ساقچىلار 10 نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، 3 كىشىنى تىرىك تۇتقان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەن 17 كىشىنىڭ 9 نەپىرى ساقچى ياكى ئامانلىق خادىمى، 8 نەپىرى پۇقرا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۆلگەنلەرنىڭ قانچىسى خىتاي، قانچىسى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشتىكى مەقسەت-مۇددىئاسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

لۈكچۈن بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئايال زىيارىتىمىزنى قوبۇل، ۋەقەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى، ھۇجۇمدا يولدىشىنىڭ نەۋرە ئىنىسى ۋە نەۋرە ئىنىسىنىڭ ساقچى ئوغلى ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە يەنە 7-8 نەپەر خىتاي بارلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى لۈكچۈن بازىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كەلگەن ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىدىن باشقا بارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىلىق خەۋەر بېرىشىنى چەكلىگەن. تۇرپان شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر يەرلىك ئاھالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر لۈكچۈن بازىرى قاراشلىق پىچان ناھىيىسىگە كىرىدىغان بارلىق يول ئېغىزلارنى قامال قىلىپ، پىچانغا كىرگەن -چىققان يولۇچى ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋەقەدە 3 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، بىراق يارىدارلارنىڭ سانى ھەققىدە ھەر خىل گۇمانلار بار. يەرلىك ئاھالىلەر ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى قوراللىق ساقچىلار قامال قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ۋەقەدە يارىلانغان 4 كىشى ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن يارىدارلار سانى داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. يارىدارلارنىڭ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ يارىلانغان ھۇجۇمچىلار ياكى ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغان كىشىلەر ئىكەنلىكى مەجھۇل.

لۇكچۈن بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە،، دائىرىلەر لۈكچۈن بازىرىدىكى پۇقرالارنى تالاغا چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

مەزكۇر ۋەقە بۇ يىل 4‏-ئايدا مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 21 ئادەم ئۆلگەن توقۇنۇشتىن كېيىن روي بەرگەن ئەڭ ئېغىر ۋەقەلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سېرىقبويا ۋەقەسىنى يېزا كادىرلىرىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە كىرىپ، بۇ ئائىلىدىكى روپاشلىق ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىشى، ئاياللارنى چۈمبىلىنى ئېلىۋېتىشكە قىستىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ كەلگەن.

پىچان ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر خىتاي كۆچمەن ئاھالىسى لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئىش تېرىسا، تېررورلۇققا باغلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: ئەمەلىيەتتە، قالايمىقانچىلىق ئاساسەن بېسىقتى. جېدەل ساقچى پونكىتى بىلەن بولدى. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ھېچكىم تۇخۇمنى تاشقا ئۇرىدىغان ساراڭ ئەمەس. ئۇلارنىڭ بەزى تەلەپلىرى رازى بولغۇدەك ھەل بولمىغاندىن كېيىن، بىر ئاز قىزىققانلىق قىلغان. يېزىنىڭ ئەھۋالىدىن ئالغاندا يېزا ئاھالىسى ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ۋە ئاددىي-ساددا، ئۇلار ھېچكىمگە ئۆچمەنلىك قىلمايدۇ. ئەگەر ئۆچمەنلىك قىلسىمۇ، ئۇلارنى بەزى زىيالىيلار كۈشكۈرتۈشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

بىراق، د ئۇ ق مەزكۇر ۋەقەگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇش سىياسىتى بۇ خىل قانلىق توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خاتا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، رايوندا داۋاملىق قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.

دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇپ، ئۇلارغا ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھېچقانداق شارائىت بەرمىگەچكە، بۇ خىل قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لۈكچۈندىكى بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇرنى قامال قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇچۇرنى كونترول قىلىشنى بىكار قىلىشقا، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ رايونغا بېرىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادى تەرەققىياتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭ مەنپەئەتدار بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ھوقۇق سىستېمىسىدىن سىقىپ چىقىرىپ، ئۇلارنى باشقۇرۇلۇش ئوبيېكتى ۋە ئىستېمال توپىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئىقتىسادى تەرەققىيات پەقەت خىتاي كۆچمەنلەر توپىنى مەنپەئەتدار قىلىپ كەلگەن.

ئەنگلىيە ئىقتىسادى ئىستىخبارات بىرلىكى ناملىق ئورگاننىڭ ئانالىزچىسى دۇنكان ئىنېس-كېر، لۈكچۈن ۋەقەسى خىتاينىڭ يېڭى ئىستراتېگىيە تۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي، دىنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا ئەسكەرتىپ، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ بۇرۇنقى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى، دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.