قاراماي شەھىرىدە مەكتەپ پۈتتۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسپىتى تۆۋەن بولماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2015.02.26
qaramay-shehri.jpg قاراماي شەھىرى
RFA/Ihsan


قاراماي شەھىرىدە ھەر يىلى مەكتەپ پۈتتۇرۇپ كېلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نېفىتلىك ئورۇنلىرىغا خىزمەتكە ئېلىش ئۈچۈن، يەرلىك دائىرىلەر 7 - 8 - ئايلارنى ئېمتىھان ئېلىش ۋاقتى قىلىپ بەلگىلەپ 29 ياشتىن تۆۋەن بولغان مەكتەپ پۇتتۇرۇپ كېلىپ خىزمەت ساقلاۋاتقان قاراماي نوپۇسىدىكى ياشلارنى ئېمتىھانغا قاتناشتۇرۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن لاياقەتلىك بولغانلاردىن 8% ياشلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

قارامايدا ھەر يىلى مەكتەپ پۇتتۇرۇپ كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى 1200نەپەر ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇ ئېمتىھاندا لاياقەتلىك بولسا، ئاندىن ھۆكۈمەت كارخانسىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئىگە بولالايدىكەن.

نېفىتلىك ئېمتىھانىغا ئۇيغۇرلاردىن مەكتەپ پۇتتۇرۇپ كەلگەن ۋە خىزمەت ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1500 نەپەر ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشلار قاتنىشىدىكەن.

قاراماي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىش كۇتۇپ تۇرغان ئۇيغۇر ياشلار سانى ئېنىقسىز مەلۇماتتا 5000 دىن ئاشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

بۇ ھەقتە يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇلار ئىش كۇتۇپ تۇرغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ سانىنى ئاشكارىلاشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

نېفىتلىك ئېمتىھانىدا چىقىدىغان سوئاللار كۆپ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قاراماي تارىخى، كارخانا مەدەنىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، قانۇن، كەسپى ئەخلاق،ئەدەپ - ئەخلاق، ساغلاملىق، بىخەتەرلىك قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىدىكەن. بەلگىلەنگەن ئېمتىھان ۋاقتى ئىككى سائەت بولۇپ، 125نومۇرلۇق تاللاش شەكلىدە سوئال چىقىرىلىدىكەن. بۇ ئېمتىھاننىڭ سالمىقى بىر قەدەر ئېغىر ھەمدە خىزمەت ئورۇن چەكلىك بولغاچقا، ئۇيغۇر ياشلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسپىتى 1500 نەپەر ئېمتىھان بەرگۇچىدىن تەخمىنەن 50 نەپىرى ئۆتەلەيدىكەن.

قاراماي شەھىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نىسپىتى تولۇقسىز مەلۇماتتا 98%دىن ئارتۇق بولۇپ، قاراماي نېفىتلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ نەۋرىلىرىنىڭ ھازىر ئىشسىزلىق نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرماقتا.

قاراماي شەھىرىدىكى كارخانىلارنى باشقۇرغۇچى ۋە خىزمەتكە ئالغۇچى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى خىتايلار بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنى مىللىي كەمسىتىش بىلەن بىللە، يۈزىدىن - يۈزىگە ئۇيغۇرلارنى ئالمايمىز دەپ رەت قىلىدىكەن.

بىز بۇ توغرىسدا ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن قاراماي شەھىرىدىكى ئىش كۇتۇپ تۇرغان ياشلارنى زىيارەت قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئىسمنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياش ۋە بۇ ئېمتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتەلمەي، ئېمتىھان بېرىش ياش چەكلىمىسى ئېشىپ كەتكەن، ئىش كۇتۇپ تۇرغان ياش بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

بۇ پىراگراممىنى شىۋىتسىيەدىن ئىھسان تەييارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.